2012-يىلى ئۆكتەبىر ئېيىغا توغرا كەلگەن قۇربان ھېيت بايرىمىنى، دۇنيا مۇسۇلمانلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلارمۇ كۈتۈۋالدى. ئۇنداقتا ئۇيغۇرلار بۇ ئۇلۇغ ئايەم كۈنىنى قانداق ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ؟ ئۇيغۇرلار قانداق ئۈمىد-ئىستەكلەردە؟ تۆۋەندە دىققىتىڭلار رادىئومىز مۇخبىرىنىڭ تەييارلىشىدا، بالىلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى خىتاي تۈرمىلىرىدە يېتىۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەم چەتئەللەردىكى مۇساپىرچىلىق ھاياتىنى كەچۈرۈۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ رادىئومىز ئارقىلىق ئۆز قېرىنداشلىرىغا يوللىغان ھېيتلىق سالىمىدا بولسۇن.
خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى 2012-يىللىق قۇربان ھېيت بايرىمىنى ئۇيغۇرلارنىڭ خۇشال كەيپىيات ئىچىدە ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى، بايرام مەزگىلىدە ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن قۇلاي شارائىت يارىتىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلماقتا.
قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، رادىئومىز ئارقىلىق پۈتكۈل ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا سالام يوللىغان ئۇيغۇرلار بولسا، ئۆزلىرىنىڭ خىتاي تەشۋىقاتىدىن پەرقلىق ھالەتتىكى مۇھىت ئىچىدە بۇ يىللىق قۇربان ھېيت بايرىمىنى كۈتۈۋالغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، 5-ئىيۇل ۋەقەسى يۈز بەرگىنىگە تۆت يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ، ئەمما دائىرىلەر «مۇقىملىقنى ساقلاش» نامىدا، ئۇيغۇر ئېلىدە قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئالغان بولۇپ، كوچىلاردا ساقچىلار ۋە ساقچى ئاپتوموبىللىرى كۆپەيتىلىپ، دائىرىلەر تەرىپىدىن سەزگۈر كىشىلەر دەپ بېكىتىلگەن ئائىلىلەرگە قارىتىلغان بېسىم ۋە نازارەت تېخىمۇ كۈچەيتىلگەن.
ئوغۇللىرى قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان، دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنغان دېگەن جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ تۈرمىگە قامالغان بىر ئاتا رادىئومىز ئارقىلىق ۋەتەن ئىچى-سىرتىدىكى بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا سالام يوللىدى.
ئۇ ئوغۇللىرى تۈرمىگە قامالغاندىن كېيىنكى ئەھۋالىنى بايان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ بېسىم ۋە نازارەت ئىچىدە بۇ يىللىق قۇربان ھېيت بايرىمىنى كۈتۈۋالغانلىقىنى، ئەمما يەنىلا سەۋرى-تاقەت ھەم ئۈمىد ئىچىدە بۇ كۈنلەرنى ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى، ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزلىرىگە ئوخشاش پەرزەنتلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى تۈرمىدە يېتىۋاتقان، 5-ئىيۇل ۋەقەسىدە غايىب بولۇپ كەتكەن بالىلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئالالمايۋاتقان ئائىلىلەرگە سەۋر-تاقەت، چىدام-غەيرەت تىلەيدىغانلىقىنى، ھېيت شادلىقىغا چۆمگەن بارلىق ئۇيغۇرلارغا سالام يوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي تۈرمىسىدىكى جازا مۇددىتى تولغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن بىر ئۇيغۇر قېرىندىشىمىزنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، سىياسىي جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ تۈرمىدە ياتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىنمۇ داۋاملىق نازارەت ئاستىغا ئېلىنىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ روزا ھېيت ھەم قۇربان ھېيتقا ئوخشاش دىنىي بايراملار مەزگىلىدە ئۇلارغا قارىتىلغان نازارەتنىڭ تېخىمۇ كۈچەيتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
قۇربان ھېيت بايرىمىنى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن ئايرىلىپ، ۋەتەن سىرتىدا يىراق ئەللەردە ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن، گوللاندىيىدىكى ئابدۇشۈكۈر ئەپەندى، رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ھەم بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىغا ھېيتلىق سالام يوللىدى.
قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن، يەنە باشقا مۇشتەرىلىرىمىزمۇ رادىئومىزغا ئېلخەت يېزىش ۋە باشقا يوللار ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىغا بولغان ھېيتلىق سالىمىنى ۋە بايراملىق تىلەكلىرىنى يوللىدى. بۈگۈن بىز ئۇلارنىڭ ھەم رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىدىكى بارلىق خادىملارنىڭ سالىمىنى رادىئو ئۇزېللىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا يەتكۈزۈپ قويماقچىمىز. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلار قۇربان ھېيت بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!
تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.
