تورونتودا ئايەم شاتلىقى سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى

تورونتودا قۇرۇلغان ئۇيغۇر ياشلار كومىتېتى، بۇ يىللىق قۇربان ھېيتنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن، 6-نويابىر قۇربان ھېيت كۈنى كەچتە تورونتو شەھىرىدە ئايەم شاتلىقى سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزدى. كانادانىڭ ھەرقايسى نۇقتىلىق ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا بىلىم ئېلىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرى ئورۇنلىغان دولان مەشرىپى تورونتو شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى بىلەن قارشى ئېلىندى.

0:00 / 0:00

تورونتودا قۇرۇلغان ئۇيغۇر ياشلار كومىتېتىنىڭ باشلىقى پەزىلەت تۇرسۇن ئەلى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، چەتئەللەردە ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇنداق مەدەنىيەت ‏- سەنئەت پائاليەتلىرىنى ئۆتكۈزۈشنىڭ ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى ساخلاپ قېلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

Torontodiki-kichik-tamashibinlar-385.jpg
تورونتودا ئايەم شادلىقى سەنئەت كېچىلىكىدە بالىلار. 2011-يىلى 6-نويابىر. (RFA/Gulshen)

ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، كانادانىڭ تورونتو، مونتىريال، كالگارى، ئەدمىنتون ۋە ۋانكۇۋېر شەھەرلىرىدىكى ھەر قايسى نۇقتىلىق ئۇنىۋىرسىتېتلاردا، ئۇيغۇر دىيارىدىن كېلىپ چەتئەللىك ئوقۇغۇچى ۋە كانادا پۇقراسى سالاھىيىتى بىلەن ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ سانى 1000 غا يېتىدىكەن.

بۇ پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىلەر.