ئۇيغۇرلارنىڭ قۇربان ھېيت ھارپىسىدىكى ھېس - تۇيغۇلىرى

قەدىرلىك ئوقۇرمەنلەر، دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى، ئۇلۇق قۇربان ھېيت ھارپىسى بولغان مۇشۇنداق بىر كۈنلەردە، ئۇيغۇرلار دۇنيا مۇسۇلمانلىرىدىن پەرقلىق ھالدا، "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" نىڭ جاراھەتلىرى تېخى ساقايمىغان ھالەتتە، ئېغىر قايغۇ ۋە مۇسىبەتلەر ئىچىدە، بۇ يىللىق قۇربان ھېيت بايرىمىنى كۈتۈۋالماقتا.

0:00 / 0:00

بۇ يىلقى قۇربان ھېيتنىڭ يىللاردىكىدىن پەرقلىق يېرى شۇكى، گەرچە ئۈرۈمچى ئىيۇل ۋەقەسىگە 5 ئاي بولۇپ قالغان بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يەنىلا قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىنى قوللىنىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ چەتئەللەر بىلەن بولغان بارلىق ئىنتېرنېت ۋە تېلېفون ئالاقىلىرىنى ئۈزىۋېتىپ، ۋەتەن ئىچىدىكى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى ئۈچۈن، بىز ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئالاقىلىشىش، ئۇلار بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالمىدۇق.

ئەمما تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن چەتئەللەردە مۇھاجىرەتتە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى بولغان قۇربان ھېيت بايرىمى كېلىش ھارپىسىدىكى مۇرەككەپ ھېس - تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلىدى. ئۇلار سۆزلىرىدە، ئۆزلىرىنىڭ ۋەتەندە خىتاينىڭ زۇلۇمى ئاستىدا ياشاۋاتقان ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلىرىگە بولغان ئوتلۇق سالىمىنى يوللاش بىلەن بىللە، بۇ يىل ياز پەسلىدە ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن " 5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسى" دە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانلىق باستۇرۇشىدا ئۆلۈپ كەتكەن ھەم تۈرمىدە يېتىۋاتقان ياش - ئوغۇل قىزلار ئۈچۈن ئۆز قايغۇلىرىنى ئىپادىلىدى، ئۇلارنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.

ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان نۇرمەمەت ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ يىللىق قۇربان ھېيت بايرىمىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئالاھىدە بىر دەۋرگە توغرا كەلگەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ سۆزىدە، پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ بايرىمى بولغان قۇربان ھېيت بايرىمىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇرەككەپ ھېس تۇيغۇلار ئىچىدە 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدە خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن، قولغا ئېلىنىپ، تۈرمىلەردە قىيناق ئاستىدا تۇرۇۋاتقان، ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ئۇيغۇر قىز - ئوغۇللىرىنى ياد ئېتىش بىلەن مۇسىبەت ئىچىدە كۈتۈۋېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

نۇرمەمەت ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇنداق بىر بايرام مەزگىلىدىمۇ، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش، تەقىب ئاستىغا ئېلىش، ئىنساننىڭ ئەڭ ئەقەللىي بولغان كىشىلىك ھوقۇق ئەركىنلىكىنىمۇ دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى.

ۋەتەندىكى تۈرلۈك بېسىملار سەۋەبىدىن ۋەتەندە تۇرۇش ئىمكانىيىتى بولماي، ياۋروپادىكى مەلۇم بىر دۆلەتتە تۇرۇشقا مەجبۇر بولغان بىر ئۇيغۇر ياش ئۆزىنىڭ شۇ تاپتىكى مۇرەككەپ ھېس - تۇيغۇسىنى ھەم قايغۇسىنى ئىپادىلىدى.

ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئىپادىلەنگەن بىر يۈرۈش رەسىملىرى ئارقىلىق، ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ چەتئەللەردە تونۇلۇشىغا بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشۇپ كېلىۋاتقان، رەسسام مەرۋايىت خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ۋەتەنگە بولغان سېغىنىشىنى ئىپادىلەش بىلەن بىللە، ۋەتەندىكى ئۇرۇق ‏- تۇغقان، دوست ‏-بۇرادەرلىرىگە بولغان سالىمىنى يوللىدى.

قەدىرلىك ئوقۇرمەنلەر، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇلۇق بايرىمى بولغان قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىس ئۇيغۇر بۆلۈمىىدىكى بارلىق خىزمەتچى خادىملىرىمىز نامىدىن ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، تۇرمۇشىغا خاتىرجەملىك، كۈنلىرىگە خۇشاللىق تىلەيمىز.