سەنئەت كېچىلىكىدە، شىنجاڭ ناخشا - ئۇسۇل ئۆمىكىنىڭ سەنئەتچىسى دىلنار ئابدۇللا " چىن سۆيگۈدىن ياشنىماقتا جان، ئىناقلىقتىن كۈلەر بۇ ماكان، ھەممە يەردە يېڭى ياردەم چىن مىكرىبانلىق، گۈزەل نۇرلۇق كېلەچەكنى قىلماقتا ئايان " دەپ ناخشا ئورۇنلىغان بولۇپ، ئەمما چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار، بۇ سەنئەت كېچىلىكىدە ئېيتىلغان سۆزلەرنىڭ پۈتۈنلەي ساختا تەشۋىقاتتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدا مىللىي ئىتتىپاقلىقتىن سۆز ئېچىشنىڭ ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. رادىئومىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندىمۇ، ئىككى مىللەت ئارسىدا ئۆچمەنلىكنىڭ بۇرۇنقىدىن نەچچە ھەسسە ئېغىرلىشىپ كەتكەنلىكى، بولۇپمۇ ئۆتكەن يىلى 5 - ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ۋەقەدىن كېيىن ھەتتا ئۇيغۇرلار زىچ توپلۇشۇپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا خىتايلارنى ناھايىتى ئاز ئۇچراتقىلى بولىدىغانلىقى، ھەتتا خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر خوشنىلىرىدىن قېچىپ، خىتايلار كۆپ رايونلارغا كۆچۆپ كېتىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.
گېرمانىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچى ۋە يازغۇچى كۆرەش ئاتاخان ئەپەندى، بۇ قېتىمقى " قۇربان ھېيت سەنئەت كېچىلىكى" پروگراممىسىنى كۆرگەندىن كېيىنكى تەسىراتلىرىنى بايان قىلدى.
" قۇربان ھېيت سەنئەت كېچىلىكى" دە، ئاتاقلىق ناخشىچى ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ۋە شامىل شاكىر قاتارلىق سەنئەتچىلەر خىتاي تىلىدا ناخشا ئورۇنلىغاندىن سىرت، 5 - 6 ياشلىق ئوماق ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتاي تىلىدا ئورۇنلىغان ئېپىزوتلىرى ھەمدە يەنە چاڭچىل نەزمىلىرى كۆرسىتىلگەن. يازغۇچى كۈرەش ئاتاخان ئەپەندى، مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ قۇربان ھېيتى ئۈچۈن بېغىشلانغان مەزكۈر سەنئەت كېچىلىكىنىڭ، ئەمىلىيەتتە بولسا خۇددى خىتايلارنىڭ " چاغان" بايرامى ئۈچۈن ھازىرلانغان سەنئەت پروگراممىسى تۈسىنى ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.
" قۇربان ھېيت سەنئەت كېچىلىكى" دە، تۇڭگان، قائازاق، قىرغىز، تاتار، تاجىك، موڭغۇل ھەتتا نوپۇسى ئىنتايىن ئاز رۇس قاتارلىق بارلىق مىللەتلەرنىڭ ناخشا - مۇزىكا ۋە ئۇسۇللىرى ئورۇن ئالغان بولۇپ، كۈرەش ئاتىخان ئەپەندى،"بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى دۇنياغا "ھەرقايسى مىللەتلەر تەڭ بارابەر ھەق - ھوقۇققا ئىگە " دېگەن ساختا سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىشىدىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ كىچىك ئىتنىك گۇرۇپپىلار ئىگە بولغان ئىمتىيازلاردىنمۇ مەھرۇم قالدۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.
قۇربان ھېيت سەنئەت كېچىلىكى" دە، رىياسەتچى توختىماستىن پارتىيە سىياسىتى ۋە خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ ياردىمى ئاستىدا زور تەررەققىياتلارنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىنى مەدھىيەلەيدۇ، "سەنئەتچىلەر"شىنجاڭغا كېلىڭلار، سىلەرنى قىزغىن كۈتىۋالىمىز، ھەممىمىز بىرلىكتە شىنجاڭنى گۈللەندۈرەيلى" مەزمۇنلۇق ناخشىلارنى ئورۇنلايدۇ، ئاخىرىدا ئىشەككە مېنىپ، بېيجىڭغا بېرىپ ماۋ زېدوڭ بىلەن كۆرۈشكەن قۇربان تۇلۇم " رىۋايىتى" كۆرسىتىلىدۇ. كۈرەش ئاتىخان ئەپەندى،خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل ساختا تەشۋىقاتلىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرگىز ئالدانمايدىغانلىقىنى، ئەگەر ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بارلىق ھەق - ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىنمىسا، ئۇيغۇرلارنىڭ ھامان بىر كۈنى يەنە قارشىلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.