ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇھتەرەم قېرىنداشلار، قۇربان ھېيتىڭلار قۇتلۇق بولسۇن ! بۈگۈن مۇسۇلمانلار يىلدا بىر قېتىم كېلىدىغان مۇبارەك قۇربان ھېيت تەنتەنىسىگە چۆمۈلمەكتە، ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، ۋەتەن دەپ ۋەتىنىدىن ئايرىلغان يات ئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئۇشبۇ مىنۇتلارنى ھەسرەت ۋە سېغىنىش ئىلكىدە ئۆتكۈزمەكتە. چۈنكى ئۇلار ۋەتەنسىز، چۈنكى ئۇلار ئەزىز قېرىنداشلىرىدىن، مېھرىبان ئاتا - ئانىلىرىدىن بەكمۇ يىراقتا - يىراقتا.
گەرچە چەتئەللەردە ھىجرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، قەۋم - قېرىنداش، ئەل - جامائەت، دوست - يارەنلەر جەم بولىدىغان ئۇشبۇ مۇبارەك پەيىتلەرگە، ئۇلار بىلەن ئورتاقلىشالمىسىمۇ، ئۇلارنىڭ قەلبى ۋەتەن، خەلقىگە تەلپۈنمەكتە. ئۇلار چوڭقۇر سالاملىرىنى تېلېفون ۋە رادىئو دولقۇنلىرى ئارقىلىق سىرداشلىرىغا يەتكۈزمەكتە.
مۇھتەرەم ئوقۇرمەنلەر، ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن " ئۇيغۇرلارنىڭ ئانىسى " دەپ تەرىپلىنىۋاتقان ئۇيغۇر مىللى ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، ھىجرەتتىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋىي ئانىسى بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ جانلىق پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا ئانىلىق مېھرىنى يەتكۈزمەكتە، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ئەركىنلىكى ئۈچۈن كېچە - كۈندۈز كۈرەش قىلماقتا. ئەمما ئۇنىڭ ئەزىز يۈرەك پارىلىرى ۋەتەندە ئانىسىزلىق ھەسرىتىدە ئۆرتەنمەكتە.
ئوقۇرمەن دوستلار، يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئالدى بىلەن مۇھتەرەم رابىيە قادىر خانىمنىڭ خاسىيەتلىك بۇ كۈنلەردە نېمىلەرنى ئويلاۋاتقانلىقىنى، نېمىلەرنى ئارزۇ قىلىۋاتقانلىقىنى، ۋەتەن - ئىچى سىرتىدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرى ۋە پەرزەنتلىرىگە ئېيتىدىغان يۈرەك سۆزلىرىنى سىلەرگە سۇنىمىز.
شۇنداقلا، ئۇيغۇر زىيالىلىرىدىن قاھار بارات ئەپەندى ۋە ئامېرىكىنىڭ سان - فرانسسكو شەھىرىدە ياشاپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر جامائەت ئەربابى ئەركىن ھاجىلارنىڭ ھېيتلىق تەسىراتلىرىنى ئاڭلاش بىلەن بىرگە، ۋەتەن ئۈچۈن ھاياتىنى بېغىشلىغان، ئارمان بىلەن باقى ئالەمگە كەتكەن شېھىتلىرىمىزنى ئەسلەش يۈزىسىدىن، ئۇلارنىڭ روھىغا دۇئا قىلغاچ، مەرھۇم كۈرەش كۆسەن ئەپەندىنىڭ " ئۇيغۇرۇم " ناخشىسىدىن ھوزۇر ئالايلى.