ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا خىتاي مەدەنىيەت ئۇسلۇبىدىكى قۇرۇلۇشلارنىڭ كۆپىيىشى ئۇيغۇرلارنى نارازى قىلماقتا

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا يېڭىدىن قۇرۇلغان مەھەللە ناملىرىغا ۋە شۇ يۇرتتىكى سىمۋول خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش بىنالارغا خىتاي مەدەنىيىتىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان ناملارنى بېرىشكە باشلىغان.

0:00 / 0:00

يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا خىتايچە ناملار بېرىلگەن قۇرۇلۇشلارنى كۆپەيتكەن. بۇ خىل ئەھۋال ئاۋۋال ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۈرۈمچى، غۇلجا، قەشقەر قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردە يېڭىدىن ياسالغان يوللارغا خىتايچە ناملارنى بېرىشتىن باشلانغان بولسا، بۈگۈنكى كۈندە تەرەققىي قىلىپ، ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان قەدىمىي يۇرتلاردا يېڭىدىن سېلىنىۋاتقان قۇرۇلۇشلارغا پۈتۈنلەي خىتاي مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى ئىپادىلەيدىغان ناملار كۆپىيىشكە باشلىغان.

ئۇيغۇربىز تورىنىڭ خەلقئارا تور بېكىتىدىكى خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمى يۇرتلىرىدىن بىرى بولغان كۇچادا قۇرۇلۇۋاتقان ئايرودروم بىناسىغا خىتاي مەدەنىيىتىنى ئىپادىلەيدىغان «خەن، تاڭ ئۇسلۇبى بىناسى» دېگەن نام بېرىلگەن.

يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر يۇرتلىرىدىكى يېڭىدىن ياسىلىۋاتقان يوللار ھەم بىنالارغا ئارقا-ئارقىدىن خىتايچە ناملار كۆپلەپ بېرىلىشكە باشلىغان ئىدى. مەسىلەن غۇلجا شەھىرىنىڭ 2008-يىلدىن بۇيان ياسىلىۋاتقان يېڭى يوللىرىغا خىتاي ئۆلكە، شەھەرلىرىنىڭ ناملىرى بېرىلگەن بولسا، تېكەس ناھىيىسىنىڭ 8 بۇرجەكلىك قىلىپ لايىھىلەنگەن مەركىزى كوچىسىغا خىتاينىڭ مۇنەججىم مەدەنىيىتىنى ئىپادىلەيدىغان «سەككىز گۇا » نامىنىڭ بېرىلىشى قاتارلىقلار چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھەم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان ئىدى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئېلشات ئەپەندى بۇ ھەقتىكى قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي تارىخ، مەدەنىيەت ئەنئەنىسى بىر قەدەر مۇكەممەل ساقلىنىپ قالغان كۇچادا سېلىنىۋاتقان ئايرودروم بىناسىغا «خەن، تاڭ ئۇسلۇبى بىناسى» دېگەن نامنى بېرىشىنىڭ ، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي يۇرتلىرىنىمۇ خىتاي مەدەنىيىتى گەۋدىلىنىدىغان شەھەرگە ئايلاندۇرۇلۇۋاتقانلىقىنىڭ روشەن ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئېلشات ئەپەندى ئۆز بايانىدا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەم دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ئەيىبلىشىگە قارىماستىن، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر يۇرتلىرىغا خىتاي مەدەنىيەت ئۇسلۇبىدىكى قۇرۇلۇشلارنى كۆپلەپ سېلىپ، بۇ قۇرۇلۇشلارغا خىتايچە ناملارنى بېرىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە خىتاي مەدەنىيىتىنى زورلاپ تېڭىش ئارقىلىق ،ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى سۇسلاشتۇرۇش، مۇشۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىتىنى پۈتۈنلەي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان زېمىنىنى خىتاي كۆچمەنلىرى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن رايونغا ئايلاندۇرۇش مەقسىتىگە يېتىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنىڭ سىمۋولى بولغان قەشقەر شەھىرىگە ئوخشاش تارىخى شەھەرلەرنى «ئۆزگەرتىپ قۇرۇش» نامىدا چېقىپ، يېڭىدىن ياسالغان قۇرۇلۇشلارغا خىتايچە ناملارنى بېرىشى خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭمۇ جىددىي دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ، ئۆتكەن ئايدا ياۋروپا پارلامېنتىدا قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى ساقلاپ قېلىش ھەققىدە مەخسۇس قارار ماقۇللانغان ئىدى.

نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر يۇرتلىرىدىكى مەھەللە، كوچا، سودا سارايلىرىغا، ھەتتا قەشقەر، كۇچاغا ئوخشاش قەدىمىي ئۇيغۇر يۇرتلىرىدىكى قۇرۇلۇشلارغا خىتايچە ناملارنى بېرىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقان يەنە بىر مۇھىم مەسىلە بولماقتا. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى شۇنداقلا خەلقئارا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش تەشكىلاتى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىقلار خىتاي ھۆكۈمىتىنى خىتايدىكى ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە قاراتقان مەدەنىيەت تاجاۋۇزچىلىقىنى توختىتىشقا چاقىرىپ كەلمەكتە.