"قۇتادغۇ بىلىك" نىڭ ئەرەبچە تەرجىمىسى نەشىردىن چىقتى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﻣﻪﺭﺟﺎﻥ ﺗﻮﺧﺘﻰ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.08.28
2008.08.28
مۇھەممەد قاسىم ھاجىم بۇ ھەقتە سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى.
مۇھەممەد قاسىم ھاجىم بىلەن سۆھبەت
مۇھەممەد قاسىم ھاجىم ئۆزىنىڭ "قۇتادغۇ بىلىك" نى ئەرەب تىلىغا تەرجىمە قىلىش جەريانى ھەققىدە توختۇلۇپ مۇنداق دىدى:" ھەر قانداق بىر كىتاب بولمىسۇن، تەرجىمە قىلىش ئىشى ئاسان ئەمەس. مەن تەۋەككۈل قىلىپ، "قۇتادغۇ بىلىك" نى ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلدىم. ئەمما بۇنىڭ تەرجىمىسى پەقەت 4 ئاي ۋاقىت تۇتتى. ئۆزۈمنىڭ پەخىر قىلىدىغان يېرىم شۇكى، مەن بۇ كىتابنى تەرجىمە قىلىش جەريانىدا لۇغەت كۆرۈشكە ھاجەت بولمىدىم. ئاللاھ ماڭا بۇ ئىشنى شۇنداق مۇيەسسەر قىلىپ بەردى. بۇنىڭدىن بەك خوشالمەن. بۇ كىتابتىن 500 دانە باستۇردۇم.""قۇتادغۇ بىلىك"نىڭ ئەرەبچە تەرجىمىسىنى تونۇشتۇرۇش
مۇھەممەد قاسىم ھاجىم تەرىپىدىن ئۇيغۇر تىلىدىن ئەرەب تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان بۇ ئۇلۇغ ئەسەر مۇندىن بىر قانچە يىل ئىلگىرى تەرجىمە قىلىنىپ بولغان بولسىمۇ، ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى ۋاقتىدا نەشىر قىلىنالمىغان ئىكەن. كىتابنىڭ ھەجمى 320 بەتلىك بولۇپ، جەمى6645 بېيتتىن تەركىب تاپقان.بۇ تەرجىمە بېرىلگەن باھا
مۇھەممەد قاسىم ھاجىم كۆپلىگەن ئەرەب ۋە ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ نەزىرىدە، "قۇتادغۇ بىلىك" تىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ ئەسەرنى ئەرەب تىلىغا تەرجىمە قىلىپ، بېسىپ تارقىتىش ئارقىلىق ئەرەب دۇنياسىدا ھېچكىم ۋۇجۇدقا چىقىرالمىغان بىر ئۇلۇغ ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان تۇنجى كىشى بولۇپ سانىلىدىكەن. بۇ ئەسەر ئەرەب تىلىغا شېئىر ھالىتىدە ئەينەن تەرجىمە قىلىنغان.بۇ كىتاب 500 نۇسخا بېسىلغان بولۇپ، ھازىر يەنە مۇھەممەد قاسىم ھاجىمنىڭ ئۆز تىرىشچانلىقى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا ۋە شەخسلەرگە ھەقسىز تارقىتىپ بېرىلمەكتە ئىكەن.