دوكتور قۇتلۇق قادىر بىلەن يالتا كېلىشىمى ۋە ياپونىيىدىكى تەتقىقاتلار ھەققىدە سۆھبەت

ياپونىيىنىڭ كاگوشىما ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور قۇتلۇق قادىر ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە ياپونىيىدە 1945 - يىلى 2 - ئايدىكى يالتا كېلىشىمى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى بېسىۋالغان ياپونىيىنىڭ تۆت ئارىلىنى قايتۇرۇۋېلىش مەسىلىلىرىگە ئائىت تەتقىقاتلار داۋاملاشماقتا ئىكەن.

0:00 / 0:00

ياپونىيە ھۆكۈمىتى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ نەتىجىسى ھېسابلانغان مەزكۇر تۆت ئارالنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن تارىخىي ھۆججەتلەرنى رەتلەش ۋە تەتقىق قىلىشقا ئەھمىيەت بەرمەكتە شۇنىڭدەك رۇسىيە تەرەپ بىلەن كۆپ قېتىم سۆھبەتلەر ئۆتكۈزگەن.

ياپونىيە دائىرىلىرى يەنە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگىمۇ ئەھمىيەت بەرمەكتە ئىكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، سىلەر ئۆز مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋارنىڭ دوكتور قۇتلۇق قادىرى ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.