مەزكۇر يىغىنغا ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەردە تۇرۇشلۇق بىر قىسىم باش ئەلچىلىرىنىڭ خانىملىرى، ھۆكۈمەت، قانۇن، مەدەنىيەت ۋە سودا ساھەسىدە مۇھىم رول ئويناۋاتقان مەشھۇر ئاياللار قاتناشقان بولۇپ، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىممۇ، بۇ يىغىنغا ئالى مېھمان سۈپىتىدە قاتناشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى.
خەلقئارا ئاياللار مۇزېيى ئىدارە ھەيئىتىنىڭ رەئىسى ئەلىزابەتھل. كولتون خانىم ۋە ئاخباراتچىلىق ساھەسىدە 30 يىللىق تەجرىبىگە ئىگە، كىچىك ۋە ئوتتۇرا تىپتىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلارغا بولۇپمۇ ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارغا مەسلىھەت كۆرسەتكۈچى جونەتتە روسە بارراس خانىملار بىلەن بىرگە يىغىندا سۆز قىلغان رابىيە قادىر خانىمنىڭ پائالىيەتلىرى، ئامېرىكا دىپلومات ئائىلە - تاۋاباتلىرى جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئالاھىدە تونۇشتۇرۇلدى.
يىغىن رىياسەتچىسى رابىيە قادىر خانىمنى ": شەرقىي تۈركىستانلىق كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى " دەپ تونۇشتۇرۇپ، ئۇنىڭ خىتاي تۈرمىسىدە بىھۇدە ئازاپ تارتقانلىقىنى ۋە ئامېرىكىغا كەلگەندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى، ھۆرلۈكىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا تىنىمسىز ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، ئەينى ۋاقىتتا رابىيە قادىر خانىمنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا مىليونېر ئايال ۋە مىڭ ئانا ۋەكىلى بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
يىغىندا سۆز قىلغان ئېلىزابىت كولتون خانىم، دۇنيادا دەرىجىسى ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەردە ئاياللار ئورنىنى كۆتۈرۈشنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكى ۋە بۇ خىل پائالىيەتلەرنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، خەلقئارا ئاياللار مۇزېيىنىڭ دېھقان ئاياللاردىن تارتىپ، سىياسىي ھوقۇق تۇتقان ئايال رەھبەرلەرگىچە تونۇشتۇرۇلغان، كەڭ دائىرىلىك ئىنتېرنېت تور مەيدانى تەسىس قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
جونېتتې روزﯤ خانىم بولسا، ئاياللارنى تەرەققى قىلدۇرۇشتا ئەرلەرنىڭ تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئانىلارنىڭ بىر ئائىلىدە ھەرگىزمۇ ئاتىلىق ۋەزىپىسى ئۆتىيەلمەيدىغانلىقىنى، ئاتا مېھرىگە ئېرىشەلمىگەن قىزلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ياخشى بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇيغۇر مىللى ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، تارىختا بۈيۈك نەتىجىلەرنى ياراتقان ئۇيغۇر ئاياللىرى ۋە بۈگۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي زۇلۇمى ئاستىدا ئازاپ چېكىۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. بۇ، يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى، يىغىندا رابىيە خانىمنىڭ نۇتۇقنىڭ داۋاملاشتۇرۇپ سۆز قىلدى.
رابىيە قادىر خانىم سۆزىدە، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭمۇ تارىختا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ يالغۇز ئائىلىدىكى ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىققاندىن تاشقىرى، مۆجىزىلەرنى يارىتىپ ھەتتا دۇنيا تارىخىغا تۆھپە قوشقانلىقىنى، مەسىلەن ئاممانىساخاننىڭ ئۆزى بىر خانىش بولسىمۇ، 12 مۇقامغا ئوخشاش بۈيۈك بىر كىلاسسىك ئۇيغۇر مۇزىكىسىنىڭ ۋۇجۇتقا چىقىشىغا تۈرتكە بولغانلىقىنى، بۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇرلار تارىخىدا ئىپارخان، نۇزۇگۇم، رىزۋانگۈلگە ئوخشاش باتۇر قەھرىمان قىزلىرىنىڭ، ئەركىنلىك ۋە ھۆرلۈك جەڭچىسى بولۇپ خاتىرىلىنىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
رابىيە قادىر خانىم يەنە، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇيغۇر ئايال ۋە قىزلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندىچىلىك ئاستىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى شۇنىڭدەك
ئۇيغۇر خانىم - قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ ئىشلىتىش سىياسىتى مەيدانغا كەلتۈرۋاتقان ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتلەرنى، پاكىتلىق مىساللار بىلەن ئاڭلاتتى. بولۇپمۇ، ئۆتكەن يىلى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ۋەقەدە، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ،ھۆكۈمەتتىن بىگۇناھ تۇتۇلغان ئۇيغۇر ياشلىرى ۋە ئەرلىرىنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مېيىپ كېسەلچان تۇرسۇنگۈلنىڭ خىتاي تانكىسى ئالدىدىكى جەڭگىۋار روھىنى تەرىپلىدى.
رابىيە قادىر خانىم ئاخىرىدا يىغىنغا قاتناشقۇچىلىرىنى، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ چېكىۋاتقان ئازا - ئوقۇبەتلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.