ئامېرىكىدا چىقىدىغان "مارى كلېر" ژورنىلى رابىيە قادىرغا مۇكاپات بەردى


2004.11.22

ئامېرىكىدا چىقىدىغان داڭلىق "مارى كلېر" ئاياللار ژورنىلى 2004 - يىلى 12 - ئايدىكى سانىدا، دۇنيادىكى 10 ئايال قەھرىماننى مۇكاپاتلاپ، بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇيغۇر كارخانىچى رابىيە قادىرغا ئاياللار ھوقۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە قوشقان تۆھپىسى بويىچە مۇكاپات بەردى.

ئون "دۇنيا ئاياللىرى" نىڭ بىرى

rebiya_150.jpg
رابىيە قادىر خانىم

"مارى كلېر" ژورنىلى مۇكاپاتلىغان 10 ئايال دۇنيادىكى نەچچە ئونلىغان ئايال قەھرىمانلىرى ئارىسىدىن ئىنچىكىلىك بىلەن تاللاپ چىقىلغان بولۇپ، نامزاتلار ئۇيغۇر ئېلىدىن تارتىپ، ئاسىيا، ياۋروپا ۋە ئافرىقا قاتارلىق جايلارغىچە تارقالغان. مەزكۇر ژورنال بۇ 10 ئايالنىڭ ئىنسانلارغا قوشقان تۆھپىسى، تەۋرەنمەس ئىرادىسى ۋە ھارماس ئەمگىكىنى ئېتىراپ قىلىش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش سۈپىتىدە ئۇلارغا "دۇنيانىڭ ئاياللىرى" دەپ ئاتالغان بۇ مۇكاپاتنى بەرگەن ۋە مەزكۇر پروگرامما ئۈچۈن 50 مىڭ دوللار ئاجراتقان.

ژورنالدا يەنە، ھەر بىر مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ قىسقىچە تارىخى ۋە ئىش- ئىزلىرى تونۇشتۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىش تۈرى كۆرسىتىلگەن. ئۇنىڭدا ئاياللار ھوقۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قوشقان تۆھپىسى بويىچە مۇكاپاتلانغان رابىيە قادىرنىڭ نۆۋەتتە تۈرمىدىكى ئەھۋالىنىڭ ناچارلىقى ۋە تەن سالامەتلىكىنىڭ ياخشى بولالمايۋاتقانلىقى يېزىلغان.

"مەن ھەق ئىش قىلدىم، شۇڭا خىتاي ساقچىلىرى ئالدىدا بېشىڭلارنى ئىگىز كۆتۈرۈپ مەردانە مېڭىڭلار"

"مىڭ ئانىلار ھەرىكىتى" نىڭ بەرپا قىلغۇچىسى

ژورنال يەنە، رابىيە قادىرنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 4 - نۆۋەتلىك ئاياللار قۇرۇلتىيىغا قاتناشقانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ تۈرتكىسىدە ئۇيغۇر ئېلىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن "مىڭ ئانا ھەرىكىتى" نى بەرپا قىلغانلىقىنى يازىدۇ. رابىيە قادىرنىڭ يولدىشى، ھازىر ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى بىزنىڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، رابىيە خانىمنىڭ "مىڭ ئانا ھەرىكىتى" پائالىيىتىنى تونۇشتۇردى.

"بېشىڭلارنى ئىگىز كۆتۈرۈپ مەردانە مېڭىڭلار"

"مارى كلېر" ژورنىلى رابىيە قادىرنى تونۇشتۇرۇپ تەييارلىغان بېتىدە يەنە، ئۇنىڭ پەقەت ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان گېزىت-ژورناللارنى يولدىشىغا ئەۋەتكەنلىكى ئۈچۈنلا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن "دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاشقا ئۇرۇنغان" دېگەن جىنايەت بىلەن 8 يىللىق قاماق جازاسىغا تارتىلغانلىقى يېزىلغان. ھەمدە رابىيە قادىرنىڭ تۈرمىدە يېتىپ تۇرۇپمۇ ئىنسان ھوقۇقى جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئىرادىسىدىن قەتئىي يانماي ھەتتا بالىلىرىغا "مەن ھەق ئىش قىلدىم، شۇڭا خىتاي ساقچىلىرى ئالدىدا بېشىڭلارنى ئىگىز كۆتۈرۈپ مەردانە مېڭىڭلار" دېگەن سۆزىنى نەقىل كەلتۈرگەن. رابىيە خانىمنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئەسلەپ ئۆتكەن سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى مۇنداق دېدى:

رابىيە قادىر تېخى بۇنىڭ ئالدىدا 2004 - يىللىق "رافتو" خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئادەتتە بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۇزۇن ئۆتمەيلا نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىدى. رابىيە قادىرنىڭ ئارقا-ئارقىدىن خەلقئارالىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشىۋاتقانلىقى ھەققىدە توختالغان سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى، ئۆزىنىڭ ھەممىدىن بەك بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ دۇنياغا تونۇلىۋاتقانلىقىدىن خۇشال ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى:

خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بېسىمى ئاستىدا بۇ يىل، رابىيە قادىرغا بېرىلگەن كېسىمنى بىر يىل قىسقارتقان بولۇپ، شۇنداق بولغاندا رابىيە خانىم 2006 - يىلى 8 - ئاينىڭ 11 - كۈنى قويۇپ بېرىلىشى كېرەك. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.