ئابلىكىم ئابدۇرېھىمنىڭ قولغا ئېلىنغانلىغى - دۇنيانىڭ كۆزىدە


2007.04.20

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئوغلى ئابلىكىم ئابدۇرەھىمنى ئىنتېرنېتتە بۆلگۈنچىلىكنى تەرغىب قىلىدىغان ماقالىلەرنى تارقاتقان ۋە ئاممىنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ھەرىكەت قىلىشىقا قۇتراتقان دەپ ئەيىبلەپ، 9 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىغا ئىنكاس قايتۇردى.

ئۇرۈمچى رايونلۇق سوت مەھكىمىسىنىڭ، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئوغلى ئابلىكىم ئابدۇرەھىمنى،"ئىنتېرنېت تورىدا بۆلگۈنچىلىكنى تەرغىب قىلىدىغان ماقالىلارنى تارقاتقان، ئاممىنى ھۆكۈمەتكە قارشى ھەرىكەتكە قىلىشقا قۇتراتقان، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئازسانلىق مىللەتلەر سىياستىنى بۇرمىلايدىغان ماقالىلەرنى يازغان" دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلەپ، 9 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقى خەلقئارا جامائەتنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىدى.

ئامېرىكانىڭ ئىنكاسى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جوۋاننى مور پەيشەنبە كۈنى، ئۇرۈمچى رايونلۇق ئوتتورا سوت مەھكىمىسنىڭ رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئوغلى ئابلىكىم ئابدۇرەھىمنى 9‏ يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغا بەرگەن باياناتىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئوغلى ئابلىكىم ئابدۇرەھىمنىڭ 9 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

جوۋاننى مور رادىئومىزغا بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېدى": ئامېرىكا ھۆكۈمتى ئابلىكىمگە يۆكلەنگەن جىنايەتلەر ۋە رابىيە قادىرنىڭ يەنە ئىككى ئوغلىغا بېرىلگەن جازا ھەققىدە ئۆزلىرىنىڭ ئەندىشىلىرىنى بايان قىلىپ كەلمەكتە. ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدىكى باش ئەلچىخانىسى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەردە سوت جەريانىنىڭ ھەمدە بېرىلگەن ھۆكۈمنىڭ ئادالەتلىك بولغان ‏- بولمىغانلىقى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىز بۇ مەسىلىنى داۋاملىق كۈزىتىمىز."

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىنكاسى

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئوغلى ئابلىكىم ئابدۇرەھىمنىڭ 9 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى بىر بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئابلىكىم ئابدۇرەھىمىنى 9 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، خىتائى رەھبەرلىرىنى ئابلىكىم ئابدۇرەھىمگە شۇنداقلا ئالىم ئابدۇرەھىم ۋە قاھار ئابدۇرەھىمگە ئۆزىنى ئاقلاش پۇرسىتى بېرىشكە چاقىردى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ باياناتىدا، خىتاي سوت مەھكىمىسىنىڭ ئابلىكىم ئابدۇرەھىمنى 9 يىللىق قاماق جازسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقى، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان رابىيە قادىردىن 1999‏- يىلى ئۇنى قولغا ئېلىش بىلەن باشلانغان ئۈچ ئېلىش ھەرىكىتىنىڭ داۋامى دەپ كۆرستىلگەن.

ۋاكالەتسىز مىللەتلەر ۋە خەلقلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىنكاسى

مەركىزى گوللاندىيىدىكى ۋاكالەتسىز مىللەتلەر ۋە خەلقلەر تەشكىلاتى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئوغلى ئابلىكىم ئابدۇرەھىمنىڭ 9 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، رابىيە قادىر خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا قارىماي، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىنى ئۆزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. ئابلىكىم ئابدۇرەھىمنىڭ 9 يىللىق قاماق جازسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە قادىر خانىمغا قاراتقان تەھدىتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ دەپ تەكىتلىگەن.

ۋەكالەتسىز مىللەتلەر ۋە خەلقلەر تەشكىلاتىنىڭ باياناتىدا، يەنە مۇنداق دېيىلگەن " بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە قادىر خانىمنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دېموكراتىيىسى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئائىلىسىنى جازالاش قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. ئابلىكىم ئابدۇرەھىمنىڭ 9 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى، ئابلىكىمنىڭ ئادالەتلىك سوتلىنىش ۋە ئۆزىنى ئاقلاش ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىپلا قالماستىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيىگە ھۆرمەت قىلىدىغان بىر دۆلەت بولۇشتىن قانچىلىك ئۇزاق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. ۋاكالەتسىز مىللەتلەر ۋە خەلقلەر تەشكىلاتى رابىيە قادىر خانىم ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دېموكراتىيىسى ئۈچۈن تىنچلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىنى داۋاملىق قوللايدۇ." (ئۆمەر قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.