ئاۋسترالىيىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان 5-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنى تەربىيىلەش كورىسىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئۈچۈن 3-ئاينىڭ 18-كۈنى سېدنىي شەھىرىگە يىتىپ كەلگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم 3-ئاينىڭ 19-كۈنى ئەزەربەيجان مەدەنىيەت ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ تەكلىپى بىلەن جەمئىيەت ئۇيۇشتۇرغان نەۋروز بايرىمى كېچىلىكىگە قاتناشتى. ئەزەربەيجان ۋە تۈرك كېچىلىك ئىشتىراكچىلىرى رابىيە خانىمغا زور ھۆرمەت بىلدۈرۈشتى ۋە نۆۋەت بىلەن سۆزگە چىققان ئەزەربەيجان ۋە تۈرك جەمئىيەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى «مۇستاپا كامال ئاتا تۈرك بولسا، رابىيە قادىر ئانا تۈركتۇر» دەپ مەدھىيىلىدى.

3-ئاينىڭ 21-كۈنى ئەتىگەندە New South Wales شتاتىنىڭ پارلامېنت بىناسىدا خەلقئارا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەشكىلاتىنىڭ ھەمكارلىقى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان 5-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسى رەسمىي باشلاندى.
كەچ سائەت 5 دە كۇرسنىڭ تۇنجى كۈنىنى تاماملىغان رابىيە قادىر خانىم، دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لۇئىزا خانىم بۇ قېتىمقى كۇرسقا قاتنىشىش ئۈچۈن ئامېرىكىدىن ۋە ياۋروپادىن كەلگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن بىرگە، ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان نورۇز كېچىلىكىگە قاتناشتى ھەمدە سۆزگە چىقىپ، پۈتۈن دۇنيادىكى شەرقى تۈركىستانلىق ۋەتەنداشلارنى ۋە نورۇز بايرىمىنى خاتىرىلەيدىغان بارلىق خەلقلەرنى بايرام بىلەن تەبرىكلىدى ۋە سەمىمىي تىلەكلىرىنى بىلدۈردى. پائالىيەتتە يەنە، دولقۇن ئەيسا، نۇرى تۇركەل، ھۈسەن ھەسەن قاتارلىق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبەرلىرىمۇ سوز قىلدى. پائالىيەتكە تۈرك فېدېراتسىيىسىنىڭ رەئىسى، ئەزەربەيجان مەدەنىيەت ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى قاتارلىقلار قاتناشتى ۋە سۆز قىلىپ ئۇيغۇر خەلقىنى نورۇز بايرىمى بىلەن تەبرىكلىدى.