5-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئۈچۈن ئاۋسترالىيىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى 23-مارت كۈنى سېدنىي شەھىرىدىكى پائالىيەتلىرىنى ئاياغلاشتۇرۇپ كامبىرا شەھىرىگە يىتىپ كەلدى.
رابىيە خانىم ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بىر قىسىم رەھبەرلىرى كامبىرادىكى ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى ۋە سىناتورلىرى بىلەن كۆرۈشتى ۋە مۇخبىرلارغا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. بۇ ھەقتە ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇھەممەت ئىمىن ئەلا ئەپەندى مۇنداق دېدى: 3-ئاينىڭ 23-كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋە ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ بىر قىسىم ۋەكىللىرى ئاۋسترالىيە فېۋرال پارلامېنتىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى بىلەن ئۇچراشتى. ئۇچرىشىش جەريانىدا رابىيە خانىم ئاۋسترالىيە يېشىللار پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى سىناتور بوب بروۋن ئەپەندى بىلەن كۆرۈشۈپ 2009-يىلدىكى 5-ئىيۇل قىرغىنچىلىق ۋەقەسى ۋە ئۇندىن بۇيانقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئۈستىدىن داۋاملاشتۇرۇۋاتقان مىللىي قىرغىنچىلىقلىرى ھەققىدە كەڭ دائىرىدە مەلۇمات بەردى، بۇنىڭغا جاۋابەن سىناتور بوب بروۋن ئەپەندى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە بىر قانۇن لايىھىسى تۈزۈپ ئاۋسترالىيە پارلامېنتىغا سۇنغانلىقىنى ئېيتتى.
رابىيە خانىم شۇ كۈنى يەنە، مايكول داندى، لورى فورگۇسۇن ۋە فىلىپ راددوك قاتارلىق پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئوخشاشلا ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى ھەققىدە سۆھبەتلەشتى ھەمدە ئاۋسترالىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ كەلگۈسىدە شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىدە قانداق ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقى توغرىسىدا سىستېمىلىق پىلانلارنى تۈزۈشتى. سائەت 12:30 دىن 1:30 گىچە مۇخبىرلارغا ئاخبارات يىغىنى ئاچتى، بۇ ئاخبارات يىغىنىغا گېزىت، ژۇرنال، رادىئو، تېلېۋىزور قاتارلىق ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ 30 غا يېقىن مۇخبىرلىرى، پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ياردەمچىلىرى ۋە پارلامېنتتىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قىزىقىدىغان 40 تىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. بۇ پائالىيەتنى پارلامېنت ئەزالىرىدىن مايكول دانبى ئەپەندى ۋە لورى فېرگۇسۇن ئەپەندىلەر ئورۇنلاشتۇردى ۋە يېتەكچىلىك قىلدى. رابىيە قادىر خانىم مۇخبىرلارنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىغا ناھايىتى ئېنىق ۋە ئەتراپلىق جاۋاب بەردى ھەمدە دۇنيانىڭ، بولۇپمۇ ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ نېمىلەرنى قىلىشى لازىملىقىنى ئەتراپلىق شەرھلىدى. كامبىرادىكى زىيارەت ئاخىرىدا رابىيە قادىر خانىم ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن ئالتە نەپەر پارلامېنت ئەزاسى كامبىرادىكى داڭلىق رېستورانلارنىڭ بىرىدە كەچلىك غىزادا بىرگە بولدى.
كامبىرادىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 3-ئاينىڭ 24-كۈنى ئادېلايد شەھىرىگە يىتىپ كەلگەن رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبەرلىرىنى ئاۋسترالىيە شەرقى تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇلغوپۇر مۆمىن ئەپەندى ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەيئەت ئەزالىرى ھەمدە بىر قىسىم ئۇيغۇر جامائىتى ئايرودرومدا كۈتۈۋالدى. ئادىلايىد شەھىرى ئاۋسترالىيىگە كۆچمەن بولۇپ كېلىپ ياشاۋاتقان شەرقى تۈركىستانلىقلار بىرقەدەر كۆپ ئولتۇراقلاشقان شەھەر بولۇپ، مۇشۇ شەھەرنى مەركەز قىلىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاۋسترالىيە شەرقى تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۇيغۇر سىياسىي رەھبەرلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى چۈشتىن كېيىن سائەت 2 دە رەسمىي باشلاندى. پائالىيەتكە شەرقى تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ كاتىپى نۇرمۇھەممەت تۈركىستانى رىياسەتچىلىك قىلدى. رابىيە خانىم ئىچىلىش نۇتقى سۆزلىدى. ئابدۇلغوپۇر مۆمىن ئەپەندى سۆز قىلىپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن مېھمانلارنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ۋەكىللەر ئۆز دۆلىتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى، ئۇيغۇر دەۋاسىدىكى تۇتقان ئورنى، پائالىيەت دائىرىسى ۋە مۇمكىنچىلىكى ھەمدە تارىخى ھەققىدە تولۇق مەلۇماتلار بەردى، بۈگۈنكى پائالىيەتكە 100 گە يېقىن كىشى قاتناشتى.