رابىيە قادىر خانىم ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۇيغۇرلار ھەققىدە دوكلات بەردى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم سەيشەنبە كۈنى، ئامېرىكىنىڭ North Caroline شىتاتىدىكى Davidson College ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەخسۇس تەكلىپىگە بىنائەن، مەزكۈر ئۇنىۋېرسىتېتتىكى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بەردى.

0:00 / 0:00

رابىيە قادىر خانىم دوكلاتىدا نۇقتىلىق ھالدا ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىي بېسىملىرى ھەققىدە توختالغان. بىز رابىيە خانىمنىڭ دوكلاتىنىڭ مەزمۇنلىرى توغرىسىدا تولۇق مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ، ئۇنى تېلېفۇن ئارقىلىق زىيارەت قىلدۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، رابىيە خانىم بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.