فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇنىڭدىن بۇرۇن تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى 'رابىيە قادىرغا تەيۋەننىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ۋىزا بېرىلمەيدۇ، ئۇنىڭ تەشكىلاتنىڭ ئامېرىكا بېكىتكەن شەرقىي تۈركستان ئىسلام ھەرىكىتى دېگەن تېررورچى تەشكىلات بىلەن مۇناسىۋىتى بار' دەپ جاكارلىغان ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن، رابىيە قادىر بۇنىڭغا قارىتا، ئۆزىنىڭ ياكى تەشكىلاتىنىڭ ھېچقانداق بىر تېررورچى تەشكىلات بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى جاكارلاپ رەددىيە بەرگەن ئىدى.
ما يىڭجۇنىڭ سۆزىدىن كېيىن تەيۋەندە يەنە رابىيە قادىر ھەققىدە مۇنازىرە باشلاندى
فرانسيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، تەيۋەندە ھازىر رابىيە قادىر ھەققىدە قوزغالغان بەس - مۇنازىرە ۋە داۋالغۇش -- تەيۋەندە چىقىدىغان 'ئالما گېزىتى' ئۇيغۇر رەھبىرى رابىيە قادىرغا ۋىزا بەرمەسلىك ھەققىدە سېگنال بەرگەن تەيۋەن پرېزىدېنتى ما يىڭجۇدىن 'رابىيە قادىر تېررورچىمۇ' دەپ سورىغاندا، پرېزىدېنت ما پەقەت 'ئەمەس' دەپلا جاۋاب بەرگەن، ئەمما بۇنىڭغا دائىر سورالغان باشقا سوئاللارغا جاۋاب بەرمەي تۇرۇۋالغاندىن كېيىن مەيدانغا چىقتى.
بۈگۈن تەيۋەن ئۇچۇر ۋاستىلىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ رەئىسى رابىيە خانىم ھەققىدە ئىشلەنگەن 'مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى' ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم تەيۋەننىڭ ھەممە يېرىنى لەرزىگە سالدى، دەپ خەۋەر قىلدى. شۇنداقلا، تەيۋەندە ھەر ساھەدىن ما يىڭجۇ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي سىياسىتىگە بېرىلگەن باھالار، سورالغان سۇئاللار، ھەتتا تەيۋەن مەمۇرى مەھكىمىسىدە بۇ ھەقتە ئېلىپ بېرىلغان جىددىي مۇنازىرىلەر ۋە تەنقىدلەرنى يۇتۇبقا قويدى.
'بۇنىڭدىن كېيىن كوممۇنىست پارتىيە مىلتىق كۆتۈرۈپ كەلسىمۇ، بىئارام قىلمايمىز، دەپ توسمامسەن؟'
بۈگۈن تەيۋەن ئۇچۇر ۋاستىلىرى ئېلان قىلغان يۇتۇبلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، تەيۋەن مەمۇرى مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ۋۇ دۈنيى 'چوڭ قۇرۇقلۇقتىن تەيۋەنگە كېلىدىغان شۇنچە كۆپ ئادەمنى بىئارام قىلىدىغان ئىشنى قىلماسلىق كېرەكتە' دېگەندىن كېيىن، مۇنازىرىلەر ناھايىتى كەسكىن بولدى. قانۇن پالاتاسىنىڭ ئەزاسى گۇەن بىلىن 'دالاي لاما كەلسىمۇ، بىزنىڭ ئىچكى ئىشىمىزغا ئارىلىشىۋالسا، كىنو قويساقمۇ ئارىلىشىۋالسا، بۇ قانداق گەپ؟ ئارىلاشما دېسەك بىئارام بولامدىكەن؟ ئەمدى بۇنىڭدىن كېيىن مىلتىق كۆتۈرۈپ كەلسىمۇ، بىئارام قىلمايمىز، دەپ توسمامسەن؟ دەپ سوئال سورىدى. مەمۇرى مەھكىمىنىڭ يەنە بىر ئەزاسى 'گومىنداڭچىلار بىلەن گوڭچەنداڭچىلارنىڭ ھەممىسى بىر يولدىكى ئادەملەر' دەپ كۆرسەتتى.
'ئالما گېزىتى'نىڭ بايان قىلىشىچە، بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، اتەيۋەننىڭ مۇئاۋىن ئىچكى ئىشلار منىسىتىرى چېن تەيلياڭ بۈگۈن رابىيە قادىرغا ۋىزا بېرىلمىگەنلىكىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە قايتىدىن ئىزاھات بېرىپ 'رابىيە قادىرغا ۋىزا بېرىشنى ھۆكۈمەت توسۇپ قويغان ئىدى، گەرچە بېيجىڭ ھازىر رابىيە قادىرنى 5 - ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدە ۋەقە پەيدا قىلىپ 200 ئادەمنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولدى، دەپ ئەيىبلەپ كېلىۋاتسىمۇ، ئەمما بىز رابىيە قادىرنى تېررورچى دەپ ئاتىمايمىز' دەپ جاكارلىدى.
'تەيۋەندە ھەممە ئادەم رابىيە قادىرنى ياخشى كۆرىدۇ'
تەيبېي شەھىرىنىڭ ئاھالىلىرىدىن ياڭ فامىلىلىك بىر خانىم بۈگۈن كەچ سائەت 3تە (تەيۋەن ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 3 تە) تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ 'مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى' دېگەن فىلىم ھەققىدىكى تەسىراتىنى سۆزلەپ بەردى.
-- مەن تەيۋەندە بۇنداق ئالقىشقا ئېرىشكەن، شەھەردىمۇ، يېزىدىمۇ ھەر مەيداندا 5 مىڭ ئادەم كۆرىدىغان بۇنداق كىنو فىلىمىنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم، -- دەيدۇ بۇ خانىم، -- تەيۋەندە ھازىر ھەممە ئادەم بۇ فىلمدىكى ھەم رەھبەر، ھەم ئانا، ھەم ئائىلە ئايىلىدىن ئىبارەت بۇ ئوبرازنىڭ راستچىللىقىنى ياقتۇرۇپ قالدى، ھازىر ھەممە ئادەم رابىيە قادىرنىڭ ئۆزىنى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ.
'ھازىر دۇنيادا پىكرى تېخىچە قالاق ھالەتتە تۇرۇۋاتقان گومىنداڭدىن باشقا يەنە، چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى كوممۇنىست پارتىيە قالدى'
ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كارولىنا شىتاتىدا تۇرۇۋاتقان مۇستەقىل يازغۇچى دوكتور جۇ شۆيۇەن چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى كوممۇنىست پارتىيە بىلەن تەيۋەندىكى گومنداڭنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە بۈگۈن ئېلان قىلغان ئوبزورىدا 'ھازىر دۇنيادا پىكرى تېخىچە قالاق ھالەتتە تۇرۇۋاتقان گومىنداڭدىن باشقا يەنە، چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى كوممۇنىست پارتىيە قالدى. ئەينى ۋاقىتتا بىر - بىرىنى دۈشمەن دەپ قىرغان بۇ ئىككى پارتىيە ھازىر دۇنيادا مىسلىسىز دەرىجىدە يېتىم قېلىپ، ئۇلار ھازىر يەنە خىتاي مىللەتچىلىكى جەھەتتىكى ئوخشاشلىقتا بىرلىشىپ، ئۆز - ئارا ئاكا - ئۇكا دېيىشكە مەجبۇر بولدى' دەپ كۆرسەتتى.