ئولىمپىك ۋە ئىنسان - ھەقلىرى: رابىيە قادىر خانىم سان فرانسىسكو نامايىشىدا

2008 - يىللىق ئولىمپىك مەشئىلىنىڭ تۇنجى سەپىرى ئافىنادىن باشلانغان بولۇپ، مەشئەل ھازىرغا قەدەر قازاقىستان، تۈركىيە، لوندون ۋە فرانسىيە دۆلەتلىرىدىن ئۆتۈپ، ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدىكى توسقۇنلۇقلارغا ئۇچرىدى، ھەرقايسى دۆلەتلەردە ئېلىپ بېرىلغان نارازلىق ھەرىكەتلىرىگە ئۇيغۇر ۋە تىبەتلىكلەر قاتنىشىپ، خىتاينىڭ ئولىمپىك ئۆتكۈزۈشگە مۇناسىپ كەلمەيدىغانلىقىنى ئاڭلاتتى.

0:00 / 0:00

مەشئەل ئامېرىكىنىڭ سانفرانسسكو شەھىرىگە يېتىپ كەلگەندە، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇرلار، نارازلىق بىلدۈرگۈچى نەچچە ئونمىڭلىغان نامايىشچىلار ئارىسىدىن ئورۇن ئېلىپ، قوللىرىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلىرىنى لەپىلدىتىپ، " ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئەركىنلىك" دېگەن شۇئارلىرىنى توۋلىدى.

ئامېرىكىنىڭ سانفرانسسكو شەھىرىگە يېتىپ كەلگەن ئولىمپىك مەشئىلىگە قارشى نارازلىق ھەرىكىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن، ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون شەھىرىدىن ئايرىلىپ، كالىفورنىيە شىتاتىنىڭ سانفرانسسكو شەھىرىگە يېتىپ بارغان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، تېلېفۇن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۈز ھاياجىنىنى ئاڭلاتتى.

سانفرانسسكودا ئولىمپىك مەشئىلىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتتىن بىر كۈن بۇرۇن، رابىيە قادىر خانىم ، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئولىمپىك مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيۇشتۇرغان يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، خىتاينىڭ بولسا ئولىمپىك مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشكە قىلچە لايىق ئەمەس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى روشەن خانىم، رابىيە خانىم سۆزلىگەن نۇتۇقى شۇنىڭدەك ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تىبەتكە ئوخشاش زۇلۇم چەككەن خەلقلەرنى ھىمايە قىلىپ، ئۆز ياردىمىنى كۆرسەتكەن ھوللىۋۇدنىڭ مەشھۇر ئارتىسى رىچارد گېر ئەپەندىنىڭ رابىيە خانىم بىلەن كۆرۈشۈش جەريانلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئەقىدە ئولىمپىك مەشئىلىگە قارشى پائالىيەت ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نەق مەيداندىن تېلېفۇن ئارقىلىق ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىنى سىلەرگە ئاڭلىتىدۇ.