بۇ ئىككى ھەپتە ئىچىدە رابىيە قادىر خانىم قۇرۇلتاي كۈن تەرتىپىدە بەلگىلەنگەن پائالىيەتلەرگە قاتناشقاندىن سىرت گېرمانىيە، ئاۋىسترىيە ۋە شۋېتسارىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەنمۇ ئۇچراشتى.
گېرمانىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى رابىيە خانىمنى قىزغىن قارشى ئالدى
ئاخىرقى كۈنى يەنە باۋارىيە پارلامېنتىدا نۇتۇق سۆزلەپ، بۇ قېتىمقى سەپىرىگە خاتىمە بەرگەن رابىيە قادىر خانىم، بۇ قېتىمقى پائالىيەتلەرنىڭ ئەتراپلىق ۋە سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۇ قېتىمقى گېرمانىيە زىيارىتى خىتاي - گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدىكى سۈركۈلۈش كۈچىيىۋاتقان، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل خانىم ۋە گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى رەئىسى دالاي لامانى قوبۇل قىلىشتىن ئىلگىرى ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، رابىيە قادىر خانىم گېرمانىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىشىغا ئېرىشكەن. بۇ سەپەردە رابىيە قادىر خانىمغا ھەمرا بولغان د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندى، ھەر ساھە دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ رابىيە قادىر خانىمغا تۇتقان ئالاھىدە مۇئامىلىسى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتتى.
گېرمانىيە ئاخبارات ساھەسى رابىيە خانىمنى جىددىي دىققەت ئېتىبارىغا ئالدى
رابىيە قادىر خانىمنىڭ زىيارىتى قوبۇل قىلغان گېرمانىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە جىددىي مۇئامىلە قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا تونۇپ يەتكەن. بولۇپمۇ، دېموكراتىك بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقالمايۋاتقانلىقى ئۈچۈن ئۆزلىرىنى ئەيىبلىگەن .
رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئايىقى تەككەنلىكى شەھەردە شەھەر باشلىقلىرى ۋە پارلامېنت ۋەكىللىرى رابىيە قادىر خانىمنى قىزغىن كۈتىۋېلىپلا قالماي، يەنە رابىيە قادىر خانىمنىڭ شەرىپىگە زىياپەتلەر بەرگەن.
19 - ئاپرېلدىن باشلاپلا گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرى، تېلېۋىزىيە قاناللىرى ۋە ئىنتېرنېت تور بەتلىرى رابىيە قادىر خانىم توغرىسىدا بەس - بەستە مەلۇماتلار بېرىشكە باشلىغان ئىدى. رابىيە قادىر خانىم بۇ سەپىرىدە كۆپلىگەن ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ زىيارەتلىرىنى قوبۇل قىلىپلا قالماي، كۈنىگە قانچە سائەتلەپ ھەر ساھە مۇخبىرلارنىڭ زىيارەتلىرىنىمۇ قوبۇل قىلغان.