رابىيە قادىر خانىم ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنى توختاتسا، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ تىنچ ھەل قىلىنىشىغا كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
2012.11.08

دەل قۇرۇلتاي باشلانغان شۇ كۈنى، د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكىنىڭ ئاتاقلىق نەشرىيات ئەپكارلىرىدىن «ۋول ستېرىت ژۇرنال» گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، كومپارتىيە دائىرىلىرىنىڭ ئىستىبداتلىقتىن ۋاز كېچىشىنى ئۈمىد قىلدى. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل ۋە خىتاي خەلقىنىڭ ھەر خىل ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىنغاندىلا، دۇنياۋى كۈچ بولالايدۇ.
د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئامېرىكا «ۋول ستېرىت ژۇرنال» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىسى دەل خىتاي كومپارتىيىسى 18-قۇرۇلتىيى چاقىرىلغان كۈنگە توغرىلاپ ئېلان قىلىندى. رابىيە قادىر خانىم ماقالىسىدە، 1989-يىلى كىشىلىك ھوقۇق، ئەركىنلىك، دېموكراتىيە تەلەپ قىلغان خەلقنىڭ تانكا، قوراللار بىلەن باستۇرۇلۇپ، بىر پۇرسەتنىڭ قولدىن كەتكەنلىكىنى، ئەگەر بۇ قېتىم شى جىنپىڭ داۋاملىق باستۇرۇش يولىنى تاللاپ، سىياسىي قۇرۇلمىنى ئۆزگەرتىشنى ئارقىغا سۈرسە، ئېغىر خاتالىق سادىر قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي تەرەققىي قىلىپ، دۇنياۋى كۈچ بولىمەن دېسە، ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل ۋە خەنزۇلار چوقۇم سۆز ئەركىنلىكى ۋە پەرقلەر ھۆرمەتكە، قەدىرلەشكە ئېرىشىدىغان ئەركىن، دېموكراتىك بىر ئەلدە ياشىشى كېرەك. ئۇ يەنە، شى جىنپىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بارسا ۋە كومپارتىيىنىڭ ئۆتمۈشتىكى ئىستىبداتلىقىغا خاتىمە بەرسە، ئۇنىڭ خىتاي تارىخىدىكى بۈيۈك رەھبەر بولۇپ قالىدىغانلىقىنى، ئۇزۇندىن بۇيان ھەل بولماي كېلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان، تىبەت مەسىلىسىنى دېموكراتىك خىتاي بىلەن تىنچ ھەل قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
رابىيە قادىر خانىم بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىئومىزغا سۆھبەت ئېلان قىلىپ، خىتاي رەھبەرلىرىنى تىنچلىق سۆھبىتىگە چاقىردى.
بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاي يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەر بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە مىللىتى ئارىسىدىكى ئىختىلاپ كۈچىيىپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە ئايلانغان، قانلىق توقۇنۇش پارتلاپ، مىللىي مۇناسىۋەت كومپارتىيە ھاكىمىيەت سوراشقا باشلىغان 60 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئەڭ ناچار ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان بىر پەيتتە چاقىرىلغان ئىدى. رابىيە قادىر خانىم، بۇنىڭ خىتاي ئۈچۈن ئاخىرقى پۇرسەت ئىكەنلىكىنى ئاگاھلاندۇردى.
لېكىن خۇ جىنتاۋ قۇرۇلتايغا سۇنغان دوكلاتىدا، خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرۇش، ئىزچىل ئىلمىي تەرەققىيات يولىدا مېڭىش، تەرەققىياتتىكى تەڭپۇڭلۇق ۋە ئىزچىللىقنى ساقلاپ، مۇشۇ 10 يىلدا يېزا-شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى ۋە خىتاينىڭ مىللىي دارامىتىنى بىر قاتلاش، خىتاينىڭ دېڭىز كۈچىنى كۈچەيتىش قاتارلىق نۇرغۇن مەسىلىلەر ھەققىدە تەپسىلىي توختالغان بولسىمۇ، بىراق ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسى ھەققىدە كۆپ توختالمىغان. ئۇ كومپارتىيىنىڭ مەزكۇر مەسىلىدىكى سىياسىتىنى قىسقىلا شەرھلەپ: پارتىيىنىڭ مىللىي سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى داۋاملاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئالغا سۈرۈش تەربىيىسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش، مىللىي رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، دەپ كۆرسەتكەن.
ئامېرىكا بروۋېن ئۇنىۋېرسىتېتى ۋاتسون خەلقئارا تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ زىيارەتچى ئىلمىي خادىمى شۈ ۋېنلى ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئەگەر خىتاي كومپارتىيىسى ئۆزىنىڭ باشقا مىللەتلەرگە بەرگەن ئاپتونومىيە ۋەدىسىنى ھېقىقى ئىجرا قىلغان بولسا، نۇرغۇن مەسىلە ھەل بولۇپ كەتكەن بولاتتى. بىراق شۈ ۋېنلى، كومپارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق قىلىش نىيىتى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.
ئۇ: مېنىڭچە، دوكلاتتا قەيت قىلىنغاندەك، ئەگەر ئۇ ھەر قايسى رايونلارنىڭ مىللىي ئاپتونومىيىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلغان ۋە ئۇنى ئىجرا قىلغان بولسا، نۇرغۇن مەسىلە ھەل بولۇپ كەتكەن بولاتتى. سىز دېگەن مەسىلە ماڭا چۈشىنىشلىك. مەن پەقەت شۇنى دېمەكچى، يەنى ئۇ بۇ نۇقتىغا دىققەت قىلغان بولسا ۋە ئۇنى ھېقىقى ئىجرا قىلغان بولسا، مۇتلەق كۆپ قىسىم مەسىلە ھەل بولغان بولاتتى. ھالبۇكى، كومپارتىيە بۇ مەسىلىنى ھېقىقى ئىجرا قىلمىدى. كومپارتىيىنىڭ نېمە دېگەنلىكى ئەمەس، قانداق قىلغانلىقى مۇھىم. ئۇنىڭ ئۈچۈن يېقىندىن بۇيان ئىچكى مەسىلە، ئىقتىسادى مەسىلە، خەلق ئاممىسىنىڭ نارازىلىق ھەرىكىتى ۋە پارتىيە ئىچىدىكى چىرىكلىك مەسىلىسى كۆرۈنەرلىك مەسىلىگە ئايلىنىپ قالدى. بۇنىڭدىن سەل ئىلگىرى شىزاڭ ۋە شىنجاڭ مەسىلىسى نىسبەتەن كۆرۈنەرلىك مەسىلىگە ئايلىنىپ، كومپارتىيە بۇنىڭغا يۈزلەنمىسە بولمايدىغان مەسىلە بولۇپ قالغان ئىدى. بىراق ئۇ ھازىر ئۆزىدىكى مەسىلىلەر بىلەن مەشغۇل، دەپ كۆرسەتتى.
رابىيە قادىر خانىم يەنە، «ۋول ستېرىت ژۇرنال» گېزىتىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە خىتاي دائىرىلىرىگە خىتاب قىلىپ، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر تىلىنى مەكتەپلەردىن سىقىپ چىقىرىش، خىتاي كۆچمەنلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا ھېچقانداق كونترولسىز يەرلەشتۈرۈش، ئىسلامنى قانۇنسىزلاشتۇرۇش قاتارلىق مەدەنىيەت قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى توختاتسا، مەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ھەر ئىككى تەرەپ رازى بولغۇدەك تىنچ ۋە مەڭگۈلۈك ھەل قىلىنىش يولىنى تاپىمەن، دېگەن.
د ئۇ ق خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تىنچ ۋە سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىشنى ئىزچىل ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ چاقىرىققا ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىغان. رابىيە قادىر خانىمنىڭ «ۋول ستېرىت ژۇرنال» گېزىتىدىكى ماقالىسىدە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشىشى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تىنچلىق بىلەن ھەل قىلىنىشىغا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، دۇنيا تىنچلىقى ئۈچۈنمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇ : خىتايدىكى بارلىق خەلقلەرنىڭ ئەركىنلىك ۋە گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولىدىغان دېموكراتىيە يولى، دۇنيا تىنچلىقىنىڭمۇ ھۈل تېشىدۇر، دېگەن.
بىراق، بروۋېن ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى شۈ ۋېنلى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ قىيىنلىقى تۈزۈم جەھەتتىكى ئامىللارغا مۇناسىۋەتلىكلا ئەمەس. بۇ يەنە خىتاي جەمئىيىتىنىڭ چوڭ بىرلىك چۈشەنچىسى ۋە خام ئەشيا ئېھتىياجى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئامىللارغا مۇناسىۋەتلىك.
شۇ ۋېنلى مۇنداق دەيدۇ: جۇڭگونىڭ بىر ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتى سۈپىتىدە ئەڭ ئەقەللىي مۇنداق ئىككى چوڭ ئەندىشە ۋە مەسىلىسى بار. بىرى، ھەر قانداق بىر رايوننىڭ مۇستەقىللىقى زەنجىرسىمان ئىنكاس قوزغاپ، باشقا رايونلارنىڭ مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. جۇڭگونىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونى ناھايىتى كەڭ. ھەممىسى مۇستەقىل بولىمىز دېسە، پۈتكۈل جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ. بۇ خەنزۇلار رايونى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ ھەر ئىككىلىسىگە پايدىسىز. يەنە بىرى، تەبىئىي بايلىق مەسىلىسى. ئەگەر تەيۋەن مۇستەقىللىق جاكارلىسا، تەيۋەن بوغۇزى خەلقئارا دېڭىزغا ئايلىنىپ قالىدۇ. بۇ جۇڭگو ئۈچۈن ناھايىتى زور مەسىلە. شىنجاڭنىڭ زېمىنى ناھايىتى كەڭ. تەبىئىي بايلىقى ۋە نېفىت بايلىقى مول. بۇرۇن كىشىلەر شىنجاڭدا نېفىت ئۇنچىلىك كۆپ ئەمەس، دەپ قارايتتى. بىراق، ھازىر ئۇنىڭ تەبىئىي بايلىقى ناھايىتى مول ئىكەنلىكى بايقالدى. تىبەت مەسىلىسىگە كەلسەك، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ سۇ مەنبەسى شىزاڭدا. شۇڭا شىزاڭ مۇستەقىللىققا ئېرىشسە ياكى شىزاڭدا ۋەقە چىقسا، پۈتكۈل جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ھاياتلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. خەنزۇلارنى ئاساس قىلغان جۇڭگو مەركىزى ھۆكۈمىتى ئېھتىمال بۇ ئامىللارنى ئويلىشىشى مۇمكىن.