رابىيە قادىر خانىم خەلقئارا ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ تەكلىپى بىلەن ئىسپانىيىدە زىيارىتىنى باشلىدى

ئەمدىلا ئاۋسترالىيە زىيارىتىنى تاماملىغان ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئىسپانىيىگە قاراتقان زىيارەت پائالىيەتلىرىنى باشلىدى.

0:00 / 0:00

رابىيە قادىر خانىم بۇ نۆۋەت دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياۋروپا بىرلىكىدىكى ئالاقە خادىمى مەمەت توختى ئەپەندىنىڭ ھەمراھلىقىدا 5-ئاپرېل ئىسپانىيىگە يېتىپ كەلگەن ئىدى. مەمەت توختى ئەپەندى مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئىسپانىيىدە ئېلىپ بارماقچى بولغان پائالىيەت پىلانلىرى ۋە بۇ قېتىملىق زىيارەتنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى.