د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئىسپانىيە پارلامېنتىدا مۇھىم ئۇچرىشىشلار ئېلىپ باردى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئىسپانىيە پارلامېنتىدىكى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيىلەردىن بىرى بولغان «پوپېلەر» پارتىيىسىنىڭ ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

0:00 / 0:00

4-ئاينىڭ 7-كۈنى ئىسپانىيە پارلامېنتىدىكى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيىلەردىن بىرى بولغان «پوپېلەر» پارتىيىسىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى باشلىقى ئالبېرتو رۇئىز تىئېري، «پوپېلەر» پارتىيىسى باشلىقلار كابىنېتى رەئىسى ۋالېنتىنا مارتىنېز سېررو ۋە تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل مۇدىرى كرىستىنا سادابا گاررازا قاتارلىق كىشىلەر ئىسپانىيە پارلامېنتىدىكى ئىشخانىسىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئۇچراشتى.

rabiye-xanim-ispaniye-ziyariti-385.jpg
د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئىسپانىيىدىكى پائالىيەتلىرى. 2011-يىلى ئاپرېل. (RFA/Erkin Tarim)

بۇ ئۇچرىشىشتا ئالدى بىلەن رابىيە قادىر خانىم سۆز قىلىپ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. كېيىن «پوپېلەر» پارتىيىسى رەھبەرلىرىدىن ئالبېرتو رۇئىز تىئېري ئەپەندى سۆز قىلىپ، ئىسپانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ قىممەت قاراشلىرىغا ئەھمىيەت بەرمەستىن دىكتاتور خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقانلىقىنى، بۇ قېتىمقى ئومۇمىي سايلامدا ئۆزلىرى ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن تەقدىردە خىتايلارنى ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بىلەن د ئۇ ق نىڭ ياۋروپادىكى ئىش بېجىرىش خادىمى مەمەت توختى 4-ئاينىڭ 7-كۈنى باسك پارتىيىسىنىڭ ئىسپانىيە پارلامېنتىدىكى مەسئۇلى ئائىتور ئېئىتېبان براۋو ئەپەندى بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇيغۇر مەسىلىسى ۋە ئىسپانىيىنىڭ باسك مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغان. مەمەت توختى ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە 4-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى بۇ ئۇچرىشىشلار ئىسپانىيىنىڭ سايلامدىن كېيىنكى خىتاي سىياسىتى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ئىكەن.

رابىيە قادىر خانىم ئۆزىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك ئىسپانىيە سەپىرىنىڭ ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى بىلدۈردى.