رابىيە خانىمنىڭ ، بۇ قېتىمقى زىيارىتى جەريانىدا كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ 4 مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن مەمەت توختى، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، كانادادا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ناھايىتى پايدىلىق بەزى ئىشلار ئەمەلگە ئېشىپ قىلىشى مۇمكىن دەپ كۆرسەتتى.
مەمەت توختىنىڭ ئېيتىشىچە، رابىيە خانىمنىڭ كانادا ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىشى جەريانىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، خىتايلارنىڭ ئولىمپىك ھارپىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ سۆز ۋە ھەرىكەت ئەركىنلىكىنى تېخىمۇ بوغۇش ئۈچۈن ئالغان تەدبىرلىرى شۇنىڭدەك ھۆسەيىن جېلىل مەسىلسىى ۋە گۈەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مەھبۇسلار مەسىلىسى قاتارلىق مەسىلىلەر ئەتراپلىق ھالدا مۇزاكىرە قىلىنغان ھەمدە رابىيە خانىمنىڭ كانادا ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان پۈتۈن ئۇچرىشىشلىرىدا كانادا مەدەنىيەت مىنىستىرى جېسىن پەنى رابىيە خانىمغا ھەمراھ بولغان.
مەمەت توختىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رابىيە قادىر خانىم، كانادا ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەر ئۈستىدە ئىلگىرىلەش بولغان - بولمىغانلىقىنى كۆزدىن كەچۈرۈش ئۈچۈن 6 ئاي ئىچىدە يەنە كانادانى زىيارەت قىلىدىكەن.
0:00 / 0:00
