ياپونىيىدە «رابىيە قادىر خانىم ۋە سىدىقھاجى روزى» ناملىق كىتاب نەشردىن چىقماقچى

پروفېسسور سېيىشى نىشىخارا ئەپەندى د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە سىدىقھاجى روزىنىڭ دوكلاتلىرىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ «رابىيە قادىر خانىم ۋە سىدىقھاجى روزى» ماۋزۇلۇق كىتابنى يازغان.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2011.04.19
Rabiye-yapon-urumqi-weqesi-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ 2007 - ﻳﯩﻠﻰ ﻧﻮﻳﺎﺑﯩﺮﺩﺍ ﻳﺎﭘﻮﻧﻐﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺯﯨﻴﺎﺭﺗﯩﻰ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
RFA Photo

ياپونىيە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئەڭ كۆپ زىيارەت قىلغان دۆلەتلەردىن بىرى.

2009-يىلى ياپونىيە كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مەدەنىيەتلىك فاكۇلتېتى مۇدىرى پروفېسسور سېيىشى نىشىخارا ئەپەندى بىر تەتقىقات پىلانى بويىچە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنى ياپونىيىگە تەكلىپ قىلىپ نۇرغۇن شەھەر ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلاردا دوكلات بەرگۈزگەن ئىدى.

كېيىن ئوبزورچى سىدىقھاجى روزىنىمۇ تەكلىپ قىلىپ دوكلات بەرگۈزدى. پروفېسسور سېيىشى نىشىخارا ئەپەندى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە سىدىقھاجى روزىنىڭ دوكلاتلىرىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ «رابىيە قادىر خانىم ۋە سىدىقھاجى روزى» ماۋزۇلۇق كىتابنى يازغان.

ئۇنىڭ بۇ كىتابنى يېزىشتىكى مەقسىتى نېمە؟ بۇ كىتابىدا نېمىلەر بايان قىلىنغان؟ بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن كىتابنىڭ ئاپتورى سېيىشى نىشىخارا ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.