لىبېرال پارتىيىسىنىڭ تور بېتىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ پارتىيىنىڭ پارلامېنتتىكى ۋەكىللىرىدىن ترىن سكى گراندە، بورگىلد تەندەن 2011-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بىلەن غەربىي ساھارالىق ئىنسان ھەقلىرى كۈرەشچىسى ئامىناتوئۇ ھائىدارنى نامزاتلىققا كۆرسەتكەن.
پارلامېنت ئەزالىرىدىن ترىن ۋە تەندەن 2011-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا رابىيە قادىر خانىم بىلەن ھائىدارنى كۆرسىتىش شەرىپىگە ئېرىشكەنلىكىدىن ئىنتايىن خۇشال ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «لىبېرال پارتىيىسى ئۇزۇندىن بېرى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە ساھارالىقلارنىڭ مەسىلىسى ھەققىدە كۆپ خىزمەتلەرنى ئىشلەپ كەلدى. بىز ئىسمىنى تىلغا ئالغان ھەر ئىككىيلەن ئوخشاشلا ئىنسان ھەقلىرى كۈرەڭچىلىرىدۇر.»
تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىدە، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرىنى تونۇشتۇرۇشقا ئالاھىدە يەر بېرىلگەن بولۇپ، پارلامېنت ئەزاسى تەندەن رابىيە قادىر خانىم ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە مۇنۇلارنى ئېيتقان: «رابىيە قادىر ھازىر دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى. ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۆلكىسىدىكى يەرلىك خەلقلەردۇر. 1949 -يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇرلار سىياسىي،ئىقتىسادى،مەدەنىيەت،ئاخبارات،يىغىلىش ۋە دىنىي ئەركىنلىكى قاتارلىق جەھەتلەردە ئىنتايىن ئېغىر بولغان زۇلۇمغا ئۇچراپ كەلمەكتە.»
بۇنىڭدىن باشقا، تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ پارلامېنتتىكى ۋەكىلى كارىن ستاھل ۋولدسېتمۇ رابىيە قادىر خانىمنى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسەتكەن. ئۇ نوبېل كومىتېتىغا يازغان خېتىدە ئۆزىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ئۈچۈن كۈرەشكۈچى بۇ ئۇيغۇر ئانىنى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىشىنىڭ سەۋەبلىرى ئۈستىدە مۇنداق توختالغان: «رابىيە قادىر خىتايدىكى ئاز سانلىق ھېسابلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانى ھەق-ھوقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ 8 يىللىق ئۆمرىنى تۈرمىدە ئۆتكۈزگەن.ئۇ ئۆزىنىڭ خىتايدىكى ئالاھىدە ئىمتىيازى ۋە بايلىقىنى مۇشۇ يولدا قۇربان قىلغان.ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى ئۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان كۈنىنىڭ ئەتىسى قولغا ئېلىنغان بولۇپ،خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئارقىلىق رابىيە قادىرغا بېسىم ئىشلەتمەكچى بولغان. بۇ ئىككىيلەن ھازىرغىچە تۈرمىدە ياتماقتا. رابىيە قادىر خانىم بىر ئايال بولۇشىغا قارىماي باشقىلارنىڭ ھەق- ھوقۇقى ئۈچۈن بارلىقىنى تەقدىم قىلغان ئەركىنلىك جەڭچىسىدۇر. ئۇ بىر ئايال ۋە مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىنتايىن مۇھىم بولغان سىموۋۇلدۇر. بۇ شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، ئادەم مەيلى قايسى دىنغا ئېتىقاد قىلىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئەقەللىي بولغان كىشىلىك ھوقۇقى،پىكىر ئەركىنلىكى، دىنىي ئەركىنلىكى ۋە ئۆزىنى ئىدارە قىلىش ئەركىنلىكى شۇنىڭدەك دېموكراتىيە ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان زورلۇق ئىشلىتىلمەيدىغان كۈرەشلەرگە باش بولالايدۇ ۋە كۈرەش قىلالايدۇ.»
كارىن ستاھل ۋولدسېت نوبېل كومىتېتىغا يازغان خېتىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇرغان: «رابىيە قادىرنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان ئېلىپ بارغان ئىنسان ھەقلىرى كۈرەشلىرى ھەر قاچان زورلۇق ۋە تېررورلۇقتىن خالى بولۇپ كەلدى. ئۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيە ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىۋاتىدۇ. دېمەك تىنچلىق بىلەن دېموكراتىيىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىنىمسىز كۈرەش قىلغۇچى رابىيە قادىر خانىم، ئەلۋەتتە نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى ئېلىشقا ھەقىقىي ئەرزىيدۇ.»