8 - دېكابىر كۈنى كەچتە رابىيە قادىر خانىمنىڭ رىياسەتچىلىكىدە كانادا، گېرمانىيە، بېلگىيە، شۋېتسىيە، تۈركىيە ۋە نورۋېگىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىنىڭ بىر ئارىغا جەم بولۇشى بىلەن، ئالدى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىچكى ئىشلار يىغىنى چاقىرىلدى. بۈگۈن ئەتىگەندىن باشلاپ رابىيە قادىر خانىم نورۋېگىيە ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن مۇخبىرلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى ۋە نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. ئاندىن كېيىن سائەت 12 دە نورۋېگىيە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ ئەزالىرىدىن كارىن خانىم بىلەن مەخسۇس ئۇچرىشىشتا بولدى.
رابىيە خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ نوبېل مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش پائالىيىتىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى.
بۈگۈن كەچتە، ياڭ جيەنلى باشچىلىقىدا خىتاي دېموكراتچىلىرىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئېچىلىدىغان بولۇپ، يىغىنغا رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئالىم سېيىتوف ئەپەندى قاتنىشىدۇ ۋە رابىيە قادىر خانىم مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىدۇ.