خىتاي رابىيە قادىرنىڭ 3 ئوغلىنى رەسمىي قولغا ئالدى
2006.06.15

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رەھبىرى رابىيە قادىرنىڭ ئۈرۈمچى ۋە ئاقسۇدىكى 3 ئوغلىنى رەسمىي قولغا ئالغان ۋە ئائىلە تاۋاباتىغا ئۇلارنى "بۆلگۈنچىلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش، دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش، باج ئوغرىلاش" جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.
خىتاي دائىرىلىرى 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنى رابىيە قادىرنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئالىم ئابدۇرېھىم ۋە ئابلىكىم ئابدۇرېھىم ئىسىملىك ئوغۇللىرىنى توختىتىپ قويغان ۋە قىزى روشەنگۈلنى ئائىلىسىدە نەزەربەند ئاستىغا ئالغاندىن كېيىن، يېقىندا رابىيە قادىرنىڭ ئاقسۇدا ياشايدىغان چوڭ ئوغلى قاھار ئابدۇرېھىمنى قولغا ئېلىپ ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كەلگەن ۋە بۇ 3 ئاكا - ئۇكىنىڭ ئائىلە - تاۋاباتىغا ئۇلارنىڭ رەسمىي ئەيىبلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.
تۇنجى تۇتۇلغان ئوغۇل
ساقچىلار، ئالىم ئابدۇرېھىم بىلەن ئابلىكىم ئابدۇرېھىملارنى 1 - ئىيۇندا توختىتىپ قويغاندىن بېرى ئۇلارنىڭ قەيەردە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقانلىقىنى مەخپىي تۇتۇپ كەلمەكتە ئىدى. بۇ قېتىم قاھار ئابدۇرېھىم ئاقسۇدىن ئۈرۈمچىگە قولىغا كويزا سېلىنغان پېتى يولۇچىلار ئاپتوبۇسىدا ئېلىپ كېلىنگەن. ھازىر ئۇنىڭ قەيەردە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقانلىقى مەلۇم ئەمەس.
رابىيە قادىرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ساقچىلار، بۇ 3 ئاكا - ئۇكىنى "مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلغان ۋە دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرماقچى بولغان، باج ئوغرىلىغان ياكى باج ئوغرىلاش ۋەقەسىنى سۈرۈشتۈرۈشكە ماسلاشمىغان" دېگەن جىنايەتلەر بىلەن قولغا ئېلىش بۇيرۇقىنى ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە تاپشۇرغان. خىتاي دائىرىلىرى ئىلگىرى ئالىم ئابدۇرېھىم ۋە ئابلىكىم ئابدۇرېھىملارنى بىر قانچە قېتىم سولاپ قويغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ قاھار ئابدۇرېھىمنىڭ تۇنجى قېتىم قولغا ئېلىنىشىدۇر. ئىگىلىشىمىزچە، خىتاي دائىرىلىرى ھازىرغىچە قاھار ئابدۇرېھىمنىڭ ئاقسۇدىكى سودا ئىشلىرىغا كاشىلا قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى قولغا ئېلىپ باقمىغان ياكى توختىتىپ قويمىغان.
"بالىلىرىمنىڭ ئىشى بالىلىرىمنىڭ، مېنىڭ ئىشىم مېنىڭ بولۇشى كېرەك"
مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى قانۇنسىز ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، دەپ ئەيىبلىدى. خىتاينى رابىيە قادىرنىڭ ئوغۇللىرىنى دەرھال قويۇۋېتىشكە چاقىرغان ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى، "چەتئەلدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى رابىيە قادىر پەرزەنتلىرىنىڭ ئىلگىرى -كېيىن بولۇپ قولغا ئېلىنىشىدىن پەۋقۇلئاددە ئەندىشە تۇيماقتا " دەيدۇ.
رادىئومىزغا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇنىڭ ھەققىدىكى ئەيىبلىشىنى رەت قىلغان ۋە تىنچ يول بىلەن، شۇئار توۋلاش، توغرا يولدا مېڭىش، توغرا پرىنسىپ بىلەن داۋا قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن رابىيە قادىر، خىتاي ھۆكۈمىتى پەرزەنتلىرىمنى مەن بىلەن چېتىۋالماسلىقى كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ، "بالىلىرىمنىڭ ئىشى بالىلىرىمنىڭ، مېنىڭ ئىشىم مېنىڭ بولۇشى كېرەك" دەيدۇ.
پۈتۈن ھۆججەت - توختامنامىلار مۇسادىرە قىلىنغان
خىتاي دائىرىلىرى 1 - ئىيۇن كۈنى ئالىم ۋە ئابلىكىملارنىڭ توختىتىپ قويۇلغانلىقىنى جاكارلىغاندا، رابىيە قادىر ۋە ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنى باج ئوغرىلاش، قەرزىنى كەينىگە سۈرۈش، مال - مۈلكىنى چەتئەل يۆتكەش بىلەن ئەيىبلىگەن ۋە بۇنىڭ ئومۇمى سوممىسى 60 مىليون يۈەنگە يېتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، رابىيە قادىرنى چەتئەلدىكى 3 خىل كۈچلەرنىڭ يىتەكچىسى، دەپ ئاتىغان ئىدى. لېكىن رابىيە قادىر ئائىلە تاۋاباتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، رابىيە قادىر 2005 - يىلى 17 - مارت كۈنى ئامېرىكىغا سۈرگۈن قىلىنغاندىن كېيىن، جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى شۇ يىلى 5 - ئايدا ئەقىدە سودا شىركىتىنىڭ پۈتۈن ھۆججەت - توختامنامىلىرىنى مۇسادىرە قىلغان ۋە شىىركەتنى پۇل - مۇئامىلە ئالاقىسى قىلالمايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان.
رابىيە قادىر، پەرزەنتلىرىنىڭ تىنچ ياشاش ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىنىشىنى، بولمىسا بالىلىرىنىڭ پاسپورتىنى قايتۇرۇپ بېرىپ ئۇلارنى ئامېرىكىغا چىقىرىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى ۋە پۈتۈن ئانىلارنى كۈرەشكە چاقىردى. بىر ئانا بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆز پەرزەنتىگە ئىچى ئېچىشمايدىغان ئانا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن رابىيە قادىر، پۈتۈن ئانىلارنى جەڭگە چاقىردى.
خىتاي: رابىيە قادىرنىڭ ئوغۇللىرىنى جۇڭگو قانۇنى بويىچە بىر تەرەپ قىلىمىز
خىتاي ئالىم ۋە ئابلىكىملارنى قولغا ئالغان ۋە روشەنگۈلنى نەزەربەند قىلغاندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان ۋە دىپلوماتىك قاناللار ئارقىلىق خىتاي دائىرىلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان. ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، "رابىيە قادىر پەرزەنتلىرىنىڭ تەقدىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز " دەپ تەكىتلىگەن ئىدى. رابىيە قادىرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئامېرىكىغا رابىيە قادىرنىڭ ئوغۇللىرىنى جۇڭگو قانۇنى بويىچە بىر تەرەپ قىلىمىز، دەپ جاۋاب بەرگەن. ئالىم ۋە ئابلىكىملار 1 - ئىيۇن كۈنى قولغا ئېلىنغاندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ 3 كىشىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلماقتا ئىدى. ئۇلار ۋەقەگە ئېتىراز بىلدۈرگەن ۋە زىيارىتىنى يېرىم يولدا بىكار قىلغان.
رابىيە قادىرنىڭ پەرزەنتلىرىنى رەسمىي قولغا ئېلىش قارارى شاڭخەي گۇرۇھىنىڭ باشلىقلار يىغىنى خىتايدا چاقىرىلىش ھارپىسىغا توغرا كەلگەنلىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا. ئۇيغۇر ھەرىكىتىنى تېررورلۇق ، بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك، دەپ ئەيىبلەۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى، بۇ قېتىمقى يىغىندا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرمەكچى ۋە ئۇچۇر ئامبىرى قۇرماقچى ئىدى. لېكىن رابىيە قادىر، دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي ۋە پىسخىلوگىيىلىك بېسىملارغا تىز پۈكمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
شاڭخەي گۇرۇھىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ھەرىكىتى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى بىئارام قىلماقتا. مەركىزى نيۇ - يوركتىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى چارشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، جۇڭگو تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش پىلانىنى ئۇيغۇرلارنى رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇش ئۈچۈن قوللانماقتا، دەپ ئەيىبلىگەن ۋە شاڭخەي گۇرۇھىدىكى دۆلەتلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى "خەلقئارا ئىسلام تېررورچىلىقى بىلەن باغلاپ چۈشەندۈرىشىگە ياردەمچى بولدى" دەپ تەنقىدلىگەن ئىدى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- نورۋىگىيىدە ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرى كۈچەيمەكتە
- د ئۇ ق رابىيە خانىمنىڭ پەرزەنتلىرى ھەققىدە چېگرىسىز ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتىغا مەكتۇپ يوللىدى
- گېرمانىيە ۋە نورۋىگىيىدە خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
- تۈركىيىدە خىتايغا قارشى نامايىش
- قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى رابىيە قادىر پەرزەنتلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىدىن نارازى بولماقتا
- شۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلار رابىيە قادىر پەرزەنتلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى
- ئۇيغۇر داۋاسى يېڭى بىر باسقۇچقا كىردىمۇ؟
- د ئۇ ق خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى
- كانادا ۋە قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رابىيە قادىرنىڭ پەرزەنتلىرىنى تۇتقۇن قىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى
- كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى رابىيە قادىر بالىلىرىنىڭ تەقدىرىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلمەكتە
- رابىيە قادىر خانىم پەرزەنتلىرىنىڭ قولغا ئېلىنىشى تۈركىيىدە قاتتىق نارازىلىق قوزغىدى
- د ئۇ ق خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رابىيە قادىرنىڭ بالىلىرىنى تۇتقۇن قىلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى