رابىيە خانىم پەرزەنتلىرى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تەييارلانغان ئەيىبنامىگە قول قويدۇرۇلغان


2006.10.26

qahar-abdurehim-150.jpg
قاھار ئابدۇرېھىم

ئىگىلىشىمىزچە، پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت 8 دە باشلانغان سوت چۈش ۋاقتى سائەت 12 گىچە 4 سائەت داۋاملاشقان بولۇپ، يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلاردىن پەقەت 4 كىشىنىڭ يەنى قاھار ئابدۇرېھىمنىڭ ئايالى ئايگۈل ۋە ئالىم ئابدۇرېھىمنىڭ ئايالى راھىلە شۇنداقلا رابىيە خانىمنىڭ بىر نەۋرە ئىنىسى ۋە كۈيئوغلىنىڭ قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلغان ھەمدە سىرتتىن، ئەقىدە سودا ساريىدىن جىلىل ھاجى ۋە ئۆتكۈر ھاجى قاتارلىق ئىككى كىشىنى قاتناشتۇرغان. سوتقا ھۆكۈمەت ۋە ساقچىلاردىن بولۇپ 20 ئەتراپىدا ئادەم قاتناشقان.

يېڭىدىن پەيدا بولغان دەلىللەر

سوت تەڭرىتاغ رايونلۇق سوت مەھكىمىسىدە ئېچىلغان بولۇپ، سوت ئېچىلىدىغانلىقى توغرىسدىكى ئۇقتۇرۇش قاھار ۋە ئالىم ئابدۇرېھىملارنىڭ ئائىلىسىگە ئەمەس، رابىيە قادىر سودا سارىيىنىڭ ئامانلىق ساقلاش بۆلۈمىنىڭ باشلىقىغا تاپشۇرۇلغان. قاھار ۋە ئالىم ئابدۇرېھىملارنىڭ ئائىلىسى سوتتىن ئاغزاكى خەۋەردار قىلىنغان.

پەيشەنبە كۈنى ئېچىلغان سوتتىن خەۋەردار بەزى كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تەن سالامەتلىكى ھەمدە روھى كەيپىياتلىرى ياخشى كۆرۈنگەن قاھار ۋە ئالىم ئابدۇرېھىم سوتچىنىڭ سوئاللىرىغا سالماقلىق بىلەن جاۋاب بەرگەن.

سوتچى قاھار ئابدۇرېھمنى ئانىسى رابىيە قادىر خانىمدىن پۇل ئېلىپ ئاقسۇدىكى تىجارىتىگە ئىشلەتكەن دەپ ئەيىبلىگەن بولۇپ، رابىيە خانىمنىڭ سابىق كاتىبى ئايشەمگۈل ۋە سابىق تىجارەت شېرىكى مەمەت شاڭخەي دېگەن كىشى، قاھار ئابدۇرېھىمنىڭ رابىيە خانىمدىن پۇل ئېلىپ ئىشلەتكەنلىكى ھەققىدە سوتتا گۇۋاھلىقتىن ئۆتكەن. سوتچى قاھار ئابدۇرېھىم ئانىسى رابىيە قادىر خانىمدىن پۇل ئېلىپ ئىشلەتكەندە، ئوغرىلانغان پۇل 2 مىليون 400 مىڭ يۈئەن بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ پۇلنىڭ قاھارنىڭ بوينىغا ئاتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىگىلىشلەرگە قارىغاندا، رابىيە قادىر سودا سارىيىغا ئوت كەتكەن مەزگىلدە كۆيۈپ كەتكەن ۋە قاھار ئابدۇرېھىمنىڭ ئانىسى رابىيە قادىر خانىمدىن پۇل ئېلىپ ئىشلەتكەن مەزگىللەردىكى تىجارەت پائالىيىتىگە ئائىت ھۆججەت ۋە تامغىلار قانداقتۇر يېڭىدىن ياساپ چىقىلغان بولۇپ، سوتتا قاھار ئابدۇرېھىم قول قويغان ۋە تامغىسى بېسىلغان ھۆججەتلەر دەلىل سۈپىتىدە كۆرسىتىلگەن.

رابىيە خانىم: خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قايتا تەكشۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن

alim--rabiye-150.jpg
ئالىم ئابدۇرېھىم

سوتتىن خەۋەردار بەزى كىشىلەردىن ئىگىلىشىمىزچە، رابىيە خانىمنىڭ تىجارەت پائالىيىتىگە ئائىت پۈتۈن ھۆججەتلەر خىتاي ساقچى ئىدارىسى تەرىپىدىن مۇسادىرە قىلىنغانلىقى ئۈچۈن، قاھار ئابدۇرېھىم بۇ ئەيىبلەشلەرگە، ئاپام رابىيە قادىردىن پۇل ئالغانلىقىم توغرا، لېكىن باج ئوغرىلىغانلىق ۋە دۇكان ئېلىپ‏ - ساتقان مەسىلىلەردىن مېنىڭ خەۋىرىم يوق دەپلا جاۋاب بەرگەن. لېكىن شۇنداقتىمۇ سوتتا 2 مىليون 400 مىڭ يۈئەن پۇل قاھارنىڭ بوينىغا ئارتىلغان.

سوتتا، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن باج ئوغرىلىغان دەپ ئەيىبلەنگەن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى رابىيە خانىمنىڭ يەنە بىر ئوغلى ئالىم ئابدۇرېھىمنىڭ ئۈستىگە 240 مىڭ يۈئەن پۇل ئارتىلغان.

رابىيە قادىر خانىم بۈگۈن رادىئومىزغا بەرگەن باياناتىدا "بېيجىڭ ھۆكۈمىتى مەن ئامېرىكىغا كېلىپ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى ئۈچۈن پائالىيەتنى باشلىغاندىن كېيىن، مىنى 50 مىليون يۈئەن باج ئوغرىلىغان دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى. ئەمدى تەكشۈرۈش ئارقىلىق 2 مىليون 400 مىڭ يۈن باج ئوغرىلىغانلىقىمنى بىلدۈرمەكتە. مەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەنە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، بالام قاھار ئابدۇرېھىم بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى بولمىغان بۇ 2 مىليون 400 مىڭ يۈئەننى ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئېلىپ تاشلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن" دېدى.

ئىگىلىشىمىزچە، ئالىم ئابدۇرېھىم سوتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئەيىبلەشلەرگە، پۈتۈن ھۆججەتلەر ساقچىلار تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ئۈچۈن بىزنىڭ قولىمىزدا ھېچقانداق پاكىت يوق. سوتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئەيىبلەشلەر 20، 30 يىل بۇرۇنقى ھېسابات بولغاچقا، بۇنىڭغا نېمە دەپ جاۋاب بېرىشنى ئاكام قاھارمۇ بىلمەيدۇ، مەنمۇ بىلمەيمەن دەپ، جاۋاب بەرگەن.

سوتنىڭ ئاخىرىدا، قاھار ئابدۇرېھىم ۋە ئالىم ئابدۇرېھىم ئەيىبنامىگە قول قويدۇرۇلغان. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.