خىتاي رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئوغۇللىرى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقاردى


2006.11.27

alim--rabiye-150.jpg
ئالىم ئابدۇرېھىم. خىتاي دائىرىلىرى ئۇنىڭغا 7 يىللىق تۈرمە جازاسى بەرگەن.

26 ‏- نويابىر كۈنى گېرمانىيىدە داڭلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بىردەك ئاۋاز بىلەن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلانغان ئىدى. بۇنى كۆزىتىپ تۇرغان خىتاي ھۆكۈمىتى رابىيە قادىر خانىم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلانغان كۈنىنىڭ ئەتىسىلا، ئۇنىڭ ئوغلى ئالىم ئابدۇرېھىمغا باج ئوغرىلىدى، دېگەن باھانە بىلەن 7 يىللىق قاماق جازاسى بەردى.

ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئوغلى ئالىم ئابدۇرېھىمدىن باشقا يەنە، ئۇنىڭ قاھار ئابدۇرېھىم ئىسىملىك ئوغلىمۇ باج ئوغرىلىدى دېگەن باھانە بىلەن سوتقا تارتىلغان. لېكىن قاھار ئابدۇرېھىمغا قاماق جازاسى بېرىلمەي، 12 يېرىم مىڭ دوللار جەرىمانە قويۇلغان. ئالىم ئابدۇرېھىمغا بولسا 7 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىشتىن سىرت يەنە، 62 مىڭ دوللار جەرىمانە قويۇلغان.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى نىكولا ئەپەندى رويتېرس خەۋەر ئاگېنتلىقىغا "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق قىلمىشىنى رابىيە قادىر خانىمغا قارىتىلغان ئۆچ ئېلىش دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ" دەپ بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە "رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇر مىللىتىگە ۋاكالىتەن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە كۈرەش ئېلىپ بارماقتا. بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىدى" دەپ بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىم رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئوغلى ئالىم ئابدۇرېھىمنى سوتلاشتا، ئەقىدە سودا شىركىتى 93 ‏- يىلىدىن 2000 ‏- يىلىغا قەدەر، 200 مىڭ يۈئەندىن ئارتۇق باج ئوغرىلىغان دەپ، ئۇنى گۇناھكار قىلغان. لېكىن ئەينى ۋاقىتتا يەنى رابىيە قادىر خانىم قولغا ئېلىنىشتىن بۇرۇن، 93 ‏- يىلىدىن 99 ‏- يىلىغا قەدەر، ھەر يىلى دېگۈدەك باج تاپشۇرۇشتا ئىلغار بولۇپ باھالانغان ۋە مۇكاپاتلانغان.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ يولدىشى سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، پەرزەنتلىرىنىڭ ئۇستىدىن چىقىرىلغان ھۆكۈم ھەققىدە توختالدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.