«شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئەجدىھا بىلەن ئېلىشقان ئايال رابىيە قادىر» ماۋزۇلۇق يىغىن چاقىرىلدى

«ئەجدىھا بىلەن ئېلىشقان ئايال رابىيە قادىر» ناملىق كىتابنى ئاساسىي تېما قىلىپ 2-مارت كۈنى «شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئەجدىھا بىلەن ئېلىشقان ئايال رابىيە قادىر» تېمىسىدا يىغىن چاقىردى.

0:00 / 0:00

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ سەرگۈزەشتلىرى بايان قىلىنغان «ئەجدىھا بىلەن ئېلىشقان ئايال رابىيە قادىر» ناملىق كىتاب تۈركىيىدە نەشر قىلىنغاندىن كېيىن، تۈركىيىدىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان قىزىقىشى كۈچەيمەكتە. ئىستانبۇلنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان ساكاريا ۋىلايىتىدىكى ساكاريا ئۇنىۋېرسىتېتى دىنىي بىلىملەر فاكۇلتېتى ئوقۇغۇچىلىرى بۇ كىتابنى ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن، مەزكۇر كىتابنى ئاساسىي تېما قىلغان ھالدا 3-ئاينىڭ 2-كۈنى «شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئەجدىھا بىلەن ئېلىشقان ئايال رابىيە قادىر» تېمىسىدا يىغىن چاقىردى.

sakarya-uniwersititide-konferans-385.jpg
ئىستانبۇلدا ئېچىلغان «شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئەجدىھا بىلەن ئېلىشقان ئايال رابىيە قادىر» تېمىسىدا يىغىن. 2011-يىلى 2-مارت. (RFA/Erkin Tarim)

بۇ يىغىننى ساكاريا ئۇنىۋېرسىتېتى دىنىي بىلىملەر فاكۇلتېتى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، يىغىندا مەريەم چېلىك رابىيە قادىر خانىمنىڭ كىتابىنى ئوقۇپ چىقىپ كىتابنىڭ قىسقىچە مەزمۇنىنى ئاڭلاتتى. سەلما ئالماس ئىسىملىك ئوقۇغۇچى «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرى» تېمىسىدا، مۇنەۋۋەر گۈلچە خانىم «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى» تېمىسىدا ۋە فەيزا شىشكو خانىم بولسا «شەرقىي تۈركىستاننىڭ كېلەچىكى» تېمىسىدا سۆز قىلدى.

يىغىن ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ سابىق باش كاتىپى ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. بىز بۇ يىغىن ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان ساكاريا ئۇنىۋېرسىتېتى دىنىي بىلىملەر فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروف. در. مۇستافا ئاقچاي ئەپەندىگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.

ئۇ بۇ يىغىن ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى:
بۈگۈن «شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئەجدىھا بىلەن ئېلىشقان ئايال رابىيە قادىر» ماۋزۇلۇق يىغىن چاقىردۇق. بۇ يىغىننى ئېچىشتىكى مەقسىتىمىز 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان زۇلۇمىنى يەنە بىر قېتىم كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلىش ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا مۇسۇلمان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتىۋاتقان رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئىش ئىزلىرىنى ئوقۇتقۇچى -ئوقۇغۇچىلارغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن بۇ يىغىننى چاقىردۇق. يىغىن ناھايىتى ياخشى ئۆتتى.»

يىغىندا سۆز قىلغان سەلما ئەلماس ئىسىملىك ئوقۇغۇچى يىغىندا قىلغان سۆزى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى:
بىز رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە يېزىلغان كىتابنى ئوقۇغاندىن كېيىن بۇنداق بىر پائالىيەت ئۆتكۈزۈشكە قارار قىلدۇق. مەن كىتابتىن بەك تەسىرلەندىم. بىر ئايالنىڭ بۇ قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرىدىن بەك تەسىرلەندۇق. رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە يېزىلغان بۇ كىتاب ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئىگە بولدۇق. مەن بۇ يىغىندا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرى ھەققىدە توختالدىم. بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرىم نەتىجىسىدە بۈگۈن دۇنيادا ئەڭ كۆپ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرىگە ئۇچراۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتتىم. مېنىڭچە بۇ يىغىن بەك پايدىلىق بولدى. بىز ياشلارنىڭ ۋەزىپىسى شەرقىي تۈركىستاننى داۋاملىق ھالدا كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلىش، ھۆكۈمىتىمىزنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى قولغا كەلتۈرۈش.

يىغىندا رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئىش ئىزلىرى ھەققىدە سۆز قىلغان مەريەم چېلىك خانىم يىغىندا قىلغان سۆزى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
مەن يىغىندا رابىيە قادىر خانىمنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قىلغان مۇجادىلىسىنى ئاڭلاتتىم. رابىيە قادىر خانىم زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن بىر ئۇيغۇر ئايال. ئۇ ئۆز مەنپەئىتىنى ئويلىماي ئۆز خەلقىنىڭ بەختى ئۈچۈن ئۆمۈر بويى ھارماي تالماي كۈرەش قىلىۋاتقان قەھرىمان ئايال. مەن «ئەجدىھا بىلەن ئېلىشقان ئايال رابىيە قادىر خانىم» دېگەن كىتابنى باشتىن ئاخىر ئوقۇپ چىقىپ، كىتابنىڭ مۇھىم يەرلىرىنى يىغىندا ئاڭلاتتىم. رابىيە قادىر خانىم بىز خانىم قىزلارنىڭ ئۈلگىسى.