ئۇيغۇر ياشلار رابىيە خانىم ھەققىدە تەسىراتلىرىنى بايان قىلدى

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يولباشچىسى رابىيە قادىر خانىمغا قاراتقان تەشۋىقات ھۇجۇمىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرماقتا. مەلۇم بولۇشىچە، رابىيە خانىمغا قارىتىلغان ھۇجۇم خىتاينىڭ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە - ھۈكۈمەت يىغىنلىرىدا، مەتبۇئات ۋاستىلىرىدە ۋە ۋە تور بەتلەردە داۋام قىلماقتا. خىتاي بۇ ئارقىلىق رابىيە خانىمنىڭ چاقىرىق كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ بۇ تەشۋىقاتى، خىتاينىڭ كۈتكىنىنىڭ ئەكسىچە ئۈنۈم بەرمەكتە. تۆۋەندە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىككى نەپەر رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن كەلگەن ئىنكاسقا قۇلاق سالغايسىلەر.

مۇستەقىل تەتقىقاتچىلارنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇريغۇر رايونىنى ئىدارە قىلىشتا، بىر قانچە خىل تەدبىرنى ئىزچىل ھالدا قوللىنىپ كەلمەكتە. مانا بۇلاردىن بىرى، ئۇيغۇرلارنى باشسىز قالدۇرۇش، يەنى مىللىي رەھبەر ۋە يېتەكچى ئىدىيىدىن مەھرۇم قالدۇرۇشتۇر. كۆزەتكۈچىلەر يەنە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان رابىيە قادىر خانىمنى تەنقىدلەش دولقۇنىنىمۇ ئەنە ئەشۇ ئەنئەنىۋىي تەدبىرنىڭ بۈگۈنكى تەدبىقلىنىشى دەپ قاراشماقتا. ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن ئىنكاسلار، خىتاينىڭ بۇ تەدبىرىگە قارىتا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ سەگەك ھالەتتە ئىكەنلىكىنى ۋە خىتاي تەشۋىقاتىنىڭ بۇ جەھەتتە مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە:

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئاڭلىغىنىڭلار، رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاستىن بىر پارچىدۇر. تۆۋەندە يەنە بىر رادىئو ئاڭلىغۇچىمىزنىڭ ساداسىغا قۇلاق سالغايسىلەر.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.