6-سېنتەبىر خىتاي دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئاخبارات ئىشخانىسى، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقى توشقان بىر پەيتتە «جۇڭگونىڭ تىنچ تەرەققىياتى» ئاق تاشلىق كىتابىنى ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىنچ تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي ماڭىدىغانلىقىنى دۇنياغا جاكارلىدى.
جەمئىي 13 مىڭ خەتلىك، بەش قىسىمدىن تەركىب تاپقان بۇ ئاق تاشلىق كىتابتا، دۆلەت پۈتۈنلۈكىنىڭ خىتاينىڭ ئەڭ ئالىي مەنپەئىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش بىلەن تەڭ، دۇنيانى خىتاي ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىققا ئاگاھلاندۇردى. مەزكۇر ئاق تاشلىق كىتابنىڭ ئېلان قىلىنىشىغا كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم «بۇ ئاق تاشلىق كىتاب خىتاينىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن ئەمەس» دېدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن رابىيە قادىر خانىم بىلەن مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىگە دىققەت قىلغايسىلەر.