رابىيە قادىر خانىم ئۆزىنىڭ جەنۋەدىكى پائالىيىتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يىغىنىدىكى ۋەقە ھەققىدە توختالدى

ئۇيغۇر رەھبىرى، د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى د ئۇ ق ئۆمىكى نويابىرنىڭ ئاخىرلىرى جەنۋەنى زىيارەت قىلىپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ھەققىدىكى يىغىنىغا قاتناشقان ئىدى.

0:00 / 0:00

يىغىندا ئۇيغۇر ۋەكىللىرى خىتاي تەرەپنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. خىتاي تەرەپ ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنىڭ يىغىنغا قاتنىشىشى ب د ت قائىدە-نىزاملىرىغا خىلاپ دەپ كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ سۆزلەش ھوقۇقىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. خىتاينىڭ تەلىپى يىغىندا تالاش-تارتىش قوزغىغان.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇخبىرىمىز ئەركىن د ئۇ ق ئۆمىكىگە رەھبەرلىك قىلىپ، جەنۋەدىكى يىغىنغا قاتناشقان د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بىلەن جەنۋەدىكى پائالىيەت ۋە ب د ت يىغىنى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردى.