خىتاي ھۆكۈمىتى رابىيە قادىر خانىمنىڭ مۈلكىنى بىر تەرەپ قىلىش گۇرۇپپىسى قۇردى


2007.04.11

qahar-abdurehim-150.jpg
رابىيە قادىر خانىمنىڭ چوڭ ئوغلى قاھار ئابدۇرەھىم. خىتاي دائىرىلىرى قاھار ئابدۇرېھىمنى رابىيە قادىرنىڭ قالغان ئىقتىسادىنى ھەمدە مال-مۈلكىنى بىر تەرەپ قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى قىلىپ تەيىنلىگەن.

ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق لايىھىسى ئىشخانىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رابىيە قادىر خانىمنىڭ قالغان ئىقتىسادى ۋە مال-مۈلكىنى بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدىكى ئۇچۇر، تۇنجى قېتىم، خىتاي دائىرلىرى 2‏-ئاپرىل كۈنى ئۈرۈمچىدە رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئەقىدە سودا سارىيى ئەتراپىدا تارقاتقان، رابىيە قادىرنىڭ مال مۈلكىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇلغانلىقى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشى ئارقىلىق ئاممىغا ئايان بولغان.

مەزكۇر ئېلاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە قادىر شىركىتىگە بېرىلگەن 22 مىليون يۈئەن جەرىمانىسىنى يىغىشقا باشلىغانلىقى ۋە ئۆتكەن يىلى نويابىر ئېيىدا ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونلۇق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمىگە ئاساسەن، رابىيە قادىرنىڭ مال- مۈلكىنىڭ مۇسادىرە قىلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى رابىيە قادىر ئائىلىسىنى باج ئوغرىلىغان ۋە باجنى كېچىكىپ تاپشۇرغان، شۇنداقلا مۈلكىنى ھۆكۈمەتتىن يوشۇرغان دەپ ئەيىبلىگەن. شۇ ئۇقتۇرۇشتا، خىتاي ھۆكۈمىتى "بۇ ئۇقتۇرۇشنى چاپلانغان جايدىن ئېلىۋەتكەنلەر ياكى ئېلاننى يىرتقانلار قانۇنغا ئاساسەن جازالىنىدۇ" دەپ ئاگاھلاندۇرۇلغان.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە قادىر ئائىلىسىنىڭ مال-مۈلكىنى بىر تەرەپ قىلىش قارارى ھەققىدە توختالدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.