ئىلشات ئەپەندى ماقالىسىنىڭ يېزىلىش سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ، ئۆزىنىڭ يېقىندا ۋەتەن زىيارىتىدىن قايتىپ كەلگەن بىر تونۇشىدىن ئاڭلىغانلىرى ئاساسىدا بۇ ماقالىنى يېزىپ چىققانلىقىنى بايان قىلدى.
ئىلشات ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"دىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا، ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىللاردا، رايوندا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان تەڭسىز سىياسىتىگە بولغان نارازىلىقى سەۋەبىدىن يۈز بەرگەنلىكىنى ئىنكار قىلىش ئۈچۈن، ۋەقەنى "چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەم رابىيە قادىرنىڭ قۇتراتقۇلۇق قىلىشى بىلەن يۈز بەرگەن" دېگەن تەشۋىقاتنى ئۇيغۇرلارغا كۈچەپ تەرغىب قىلىشقا باشلىغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە بۇنىڭلىق بىلەنلا قالماستىن، يېقىندا رابىيە قادىر خانىم نامىدىكى سودا سارىيىنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش ئەسلىھەلىرى كونىراپ كەتكەن دېگەن باھانىدا، سودا سارىيىدىكى تىجارەتچىلەرنى ئۇدۇلدىكى "ئالتۇن بۇلاق" نامىدىكى سودا سارىيىغا كۆچۈرگەن. ئەمما ئەجەبلىنەرلىكى، ئۇيغۇرلار بۇ سودا سارىيىنى خىتاي ھۆكۈمىتى بەلگىلەپ بەرگەن نام بىلەن ئاتىماي ساراينى"يېڭى رابىيە قادىر سودا سارىيى" دەپ ئاتاشقا باشلىغان.
ئىلشات ئەپەندى سۆھبەت جەريانىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى ئۇيغۇر خەلقىگە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەم رابىيە قادىر خانىم ھەققىدىكى تەتۈر تەشۋىقاتلارنى زىيادە كۆپ تەشۋىق قىلىشى نەتىجىسىدە، نۆۋەتتە خەلقنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلەر بىلەن تېخىمۇ كۆپ تونۇشۇۋاتقانلىقى، شۇنداقلا رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدىكى ئىناۋىتىنىڭ بارغانچە ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
زىيارىتىمىز ئاخىرىدا، ئىلشات ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا بەلگىلىگەن قورچاق رەئىس نۇر بەكرى بىلەن رابىيە قادىر خانىمنىڭ خەلق قەلبىدىكى ئوخشىمىغان ئوبرازى ۋە ئورنىنى سېلىشتۇرۇپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىختىن بۇيان، ئۆز خەلقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان كىشىلىرىنى ھەر ۋاقىت قەدىرلەپ كېلىۋاتقانلىقىنى، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا بۇ قەدەر يۇقىرى ئىناۋەتكە ئېرىشىشى ئاشۇ سەۋەبتىن ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.