بۇ ۋەقەلەرنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى ئۈستىدە توختالغان نۇرغۇنلىغان غەرب مۇتەخەسسىسلىرى مەۋجۇت پاكىتلارغا ئاساسەن ، يېقىنقى ۋەقەلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىدىن نارازى بولغان ۋە خەلقئارا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى بولمىغان يەرلىك كىشىلەر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى تەكىتلەۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي دائىرىلىرى بۇ ھۇجۇملارنى تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى دەپ ئاتاپ، خىتاي ھەربىي ۋە ساقچى قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلغۇچىلارنىڭ ئاتالمىش شەرقىي تۈركىستان تېررورچىلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
ھەتتا بەزى خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنى ئەيىبلىمەكتە. رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۇ ۋەقەلەرگە قاراتقان پوزىتسىيىسى قانداق؟
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز ئۆمەر قاناتنىڭ بۇ ھەقتە رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.