رابىيە قادىر خانىم 6 دۆلەت زىيارىتىنى باشلىدى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بۈگۈن ياۋرۇپادىكى 6 دۆلەتكە قاراتقان زىيارىتىنى باشلىدى. مەلۇم بولۇشىچە، رابىيە قادىر خانىم بۇ قېتىملىق زىيارىتىدە ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى پارلامېنت ئەزالىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيەتلىرى بىلەن ئۇچرىشىش ئېلىپ بارىدىكەن.

0:00 / 0:00

ئۇ بۇ زىيارىتى جەريانىدا يەنە، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن پارىژدا ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيتىگىمۇ قاتنىشىدۇ.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندىنىڭ مۇخبىرىمىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئاۋسترالىيە مېلبورن فىلىم فېستىۋالىغا قاتنىشىپ زور غۇلغۇلا پەيدا قىلغان " مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى" فىلىمى بۇ قېتىم يەنە ئاۋسترىيىدىكى فېستىۋالدىمۇ كۆرسىتىلىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياۋرۇپادىكى 6 دۆلەتكە ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتى بىر ئاي داۋام قىلىدىكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.