رابىيە قادىر خانىم ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنى زىيارەت قىلدى


2005.03.29

rabiye-rfa.jpg
رابىيە خانىم مۇخبىرلارغا جاۋاب بەرمەكتە.RFA

ئاتاغلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر دۈشەنبە كۈنى رادىئومىزنى زىيارەت قىلغاندا، رادىئودىكى مەمۇرى دائىرىلەر ۋە ھەر قايسى بۆلۈم مۇخبىرلىرىغا سۆز قىلغان ئىدى.

رابىيە قادىر خانىم شۇ مەيداندا مۇخبىرلارنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋەزىيىتى، خىتاي - ئۇيغۇر مۇناسىۋىتى رابىيە قادىرنىڭ تۈرمىدىكى كەچۈرمىشى ۋە ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكىدا نېمە ئىشلارنى قىلىدىغانلىقى توغرسىدىكى سۇئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

رابىيە قادىر رادىئومىز خادىملىرىغا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا، "خەلقىمنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ چىداپ تۇرالمىدىم........... ئالدى بىلەن جوڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدىدا خەلقىمنىڭ خورلىنىۋاتقانلىقىنى شۇنداقلا ھەل قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى ئوتتۇرىغا قويدۇم"، دەپ كۆرسەتتى.

بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى، مۇخبىرىمىز ئەركىننىڭ پروگراممىسىدىن ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.