'خىتاي رابىيە قادىر سودا سارىيىنى چېقىش بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ...'

خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىنلا، رابىيە قادىرنى مەزكۇر ۋەقەنىڭ پىلانلىغۇچىسى دەپ كۆرسىتىپ، ئارقىدىنلا رابىيە قادىر سودا سارىيىنى ئاممىنىڭ نارازىلىقىغا قارىماي چاقماقچى بولۇۋاتقانلىقى، ھەر بىر ئۇيغۇردا "بۇ خىتاينىڭ ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى" دەپ گۇمان ھەم نارازىلىق قوزغىماقتا ئىدى.

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچىدىكى رابىيە قادىر سودا سارىيى بىناسىنى چاقماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى، سەيشەنبە كۈنى تۇنجى قېتىم شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا رەسمىي ئىقرار قىلدى شۇنداقلا بۇنىڭغا ئېغىر بىخەتەرلىك مەسىلىسى ھەم ئوت كېتىش خەتىرى كۆرۈلگەنلىكىنى باھانە قىلىپ كۆرسەتتى.

ھالبۇكى، سودا ساراينىڭ ئىگىلىك ھوقوقدارى رابىيە قادىر خانىم بولسا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆز نامىدىكى سودا بىناسىنى چېقىشقا كۆرسەتكەن سەۋەبلىرىگە قايىل ئەمەسلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتە رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.