رابىيە قادىر خانىم ياۋروپادىكى زىيارىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتماقچى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، شۋېتسارىيە ۋە ئىسپانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە قاراتقان زىيارىتىنى بۈگۈن رەسمىي باشلىدى.

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، خەتەر ئاستىدا قالغان مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى ، شۋېتسارىيە ئاسىيا مەدەنىيەت ئۆيى ، شۋېتسارىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ بىرلىكتە تەشكىللىشى ئاستىدا شۋېتسارىيىدە بىر ھەپتە زىيارەتتە بولۇپ، شۋېتسارىيە ھۆكۈمىتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بارىدىكەن. شىۋىتسارىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى ئەندىلى ئەپەندى، رابىيە قادىر خانىمنىڭ شۋېتسارىيىدىكى تۇنجى زىيارىتىنى تونۇشتۇردى.

رابىيە قادىر خانىم، شۋېتسارىيىدىكى زىيارىتى داۋامىدا، ئارۇ ۋىلايىتىدىكى مەكتەپلەردە زىيارەتتە بولۇپ، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرغاندىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا ئەتراپلىق جاۋاپ بېرىپ، ئوقۇغۇچىلار قەلبىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان .

رابىيە قادىر خانىم شۋېتسارىيىدە بىر ھەپتە پائالىيەت ئېلىپ بېرىش جەريانىدا يەنە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ گېرمانىيە ۋە تۈركىيەدىن تەشكىللەنگەن ھەيئەت گۇرۇپپىسى بىلەن ئۇچرۇشۇپ، پات ئارىدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالى كېڭەش يىغىنى ھەققىدە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بارىدىكەن. بۇ ھەقتە مەلۇمات بەرگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى مۇنداق دېدى.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، بۇ يىل ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ئارقا ‏- ئارقىدىن زىيارەتتە بولۇپ، ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر بىر ۋەزىيەتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلاتماقتا . شۋېتسارىيىدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، يەنە ئىسپانىيىدە زىيارەتتە بولۇپ ئامېرىكىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، يەنە ئوسلودا ئۆتكۈزۈلىدىغان " نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى " مۇراسىمىغا ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتنىشىدىكەن.