رابىيە قادىر خانىمنىڭ شىۋىتسارىيىدىكى زىيارىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك داۋاملاشماقتا

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەيئىتىنىڭ شىۋىتسارىيىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان زىيارەتلىرى داۋاملاشماقتا.

0:00 / 0:00

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن شەرقىي تۈركىستان شىۋىتسارىيە جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەندەلى ئەپەندى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىلەر، 24 ‏-ۋە 25- نويابىر كۈنلىرى ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەر ھەققىدە رادىئومىزغا مەلۇمات بەردى.