رابىيە قادىر سودا سارىيى چېقىلماقچى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2009.08.19
2009.08.19

www.theage.com.au ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.
رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى سەزگۈر نۇقتىلار دەپ قارىغان مەھەللە ۋە ئورۇنلارنى كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىش ئۈچۈن بۇ جايلاردىكى بىر قىسىم ئۆي - ئىمارەت ۋە تىجارەت ئورۇنلىرىنى چېقىشنى پلانلىغان. يامالىق ۋە ئات بەيگە مەيدانى قاتارلىق جايلاردا بىر قىسىم ئويلەر قانۇنسىز سېلىنغان دېگەن نام ئاستىدا تىزىمغا ئېلىنغان. ئۇيغۇر رايونىدىكى نۇقتىلىق مىللىي سودا مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان رابىيە قادىر سودا سارىيى ۋە ئەقىدە سودا سارىيىمۇ چېقىلىدىغان بىنالار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.
يەنە تولۇقىسز مەلۇماتلاردىن قارىغاندا ، بۇ ئىككى سودا سارىيىدىكى تىجارەتچىلەرگە بىنادىن يۆتكۈلۈش ھەققىدە تەشۋىقات خىزمىتى باشلانغان. چەتئەلگە يېڭى چىققان بىر نەپەر ئۇيغۇر تىجارەتچى بۇ ھەقتە بىزگە مەلۇمات بەردى.
قىرغىزىستاندا تىجارەت قىلىۋاتقان بىر ئۇيغۇر، رابىيە قادىر سارىيىنىڭ چېقىلىدىغانلىقى ھەققىدە، مەزكۇر سودا سارىيىدا دۇكان ئېچىۋاتقان ئۇرۇق - تۇغقانلىرىدىن خەۋەر ئاڭلىغانلىقىنى، نۆۋەتتە ئۇلارنىڭ باشقا جايلاردىن دۇكان ئېلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
بۈگۈن بىز يەنە، مەزكۇر ساراينىڭ چېقىلىش خەۋىرى ھەققىدە رابىيە قادىر خانىم بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.