خىتاي رابىيە قادىر سودا سارىيىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى بىلمەي قالدى

خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچىدىكى 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، رابىيە قادىر سودا سارىيىنى ئۆرۈپ تاشلىماقچى بولغان ئىدى، ئەمما يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدە زىيارەتتە بولۇپ كەلگەن بەزى كىشىلەرنىڭ رادىئومىزغا بەرگەن ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر بىنادىكى ئۇيغۇر سودىگەرلەرنى مەجبۇرىي كۆچۈرۈپ بىنانى پۈتۈنلەي بىكار قىلغان بولسىمۇ، تېخى قانداق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.

0:00 / 0:00

رابىيە قادىر خانىم ۋە ئۇنىڭ ئامېرىكىدىكى پەرزەنتلىرى بولسا، مەيلى قانداقلا سەۋەب كۆرسەتمىسۇن، ئۆزلىرىنىڭ قانۇنلۇق مۈلكىگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چېقىلىش ھوقۇقى يوقلۇقىنى تەكىتلىمەكتە شۇنداقلا بۇنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئاخىرغىچە سۈرۈشتە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم خىتاي تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلىپ ئامېرىكىغا كەلگەن ھەمدە ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش پائالىيىتىنى باشلىغاندىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتى رابىيە قادىر خانىم ۋە ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىگە سىياسىي جەھەتتىن زىيانكەشلىك قىلغاندىن باشقا، ئۇنى ئىقتىسادى جەھەتتىنمۇ زور زىيانغا ئۇچرىتىپ، تۈرلۈك سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ ئۇنىڭ مال - مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىپ كەلمەكتە ئىدى.

5 - ئىيۇل ۋەقەسى يۈز بېرىشى بىلەن خىتاي دائىرىلىرى "مەزكۇر ۋەقەنى رابىيە قادىر پىلانلىغان" دەپ كۆرسىتىپ، ئۇزۇنغا قالمايلا رابىيە قادىر سودا سارىيىنى چېقىشقا ھەرىكەت باشلىغان ئىدى. سودا سارايدىكى ئۇيغۇرلاردىن ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى شۇ پەيتتە رابىيە قادىر خانىم ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى رابىيە قادىر سودا سارىيى، ئەقىدە سودا سارىيى ھەمدە رابىيە قادىر ئائىلىلىكلەر بىناسىنىمۇ بىرلىكتە تۈزلىمەكچى بولغان، نۆۋەتتە رابىيە قادىرنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق ئائىلە ئەزالىرى ئۆز ئۆيلىرىدىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈلگەن.

يېقىندا ئۈرۈمچىدە زىيارەتتە بولۇپ كەلگەن بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىستانسىمىزغا يەتكۈزگەن ئىنكاسلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە رابىيە قادىر سودا سارىيى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن پۈتۈنلەي بىكارلانغان، ئەمما ئىمارەت تېخى قۇرۇق پېتى ساقلىنىۋاتقان بولۇپ، خەلق ئىچىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سىمۋوللۇق بىنانى قانداق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقى ھەققىدە تۈرلۈك گەپ سۆزلەر بار ئىكەن. بىزگە بۇ ھەقتە مەلۇمات بەرگەن بىر ئۇيغۇرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارالىق بېسىم ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقى تۈپەيلى مەزكۇر بىنانى چېقىش پىلانىنى ئۆزگەرتكەن، كىشىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە قادىر سودا سارىيىنى خىتاي قوراللىق ئەسكەرلىرىنى تۇرغۇزىدىغان بازىغا ئايلاندۇرۇشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى غۇلغۇلا قىلىشماقتا ئىكەن.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن بىر ئايغا يەتمىگەن ئارىلىقتا، رابىيە قادىر سودا سارىيىدىكى تىجارەتچىلەرگە كۆچۈش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن. رابىيە قادىر سودا سارىيىدا بەش يۈزدىن ئارتۇق رەسمىي دۇكان ھەمدە يايمىچىلار ئۈچۈن يۈزدىن ئارتۇق ئورۇن بولۇپ، ئىككى مىڭدىن ئارتۇق سودىگەر ھەم ئۇششاق تىجارەتچىلەر مەزكۇر سودا سارايدىكى تىجارىتىگە تايىنىپ، ئائىلىسى ھەم ئۆزىنى قامداپ كەلگەن.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھېچقانداق چۈشەندۈرۈش، مۇۋاپىق ھەقمۇ بەرمەي سودىگەرلەرنى رابىيە قادىر سودا سارىيىدىن كۆچۈشكە قىستىشى بىلەن ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان سودىگەرلەردە كۈچلۈك نارازىلىق قوزغىغان.

رابىيە قادىر خانىم ۋە ئۇنىڭ ئامېرىكىدىكى بالىلىرىمۇ نۆۋەتتە ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بۇلاڭ ‏ - تالاڭ قىلىنىۋاتقان مۈلكى، قانۇنلۇق ھەق -ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان رابىيە قادىر قىزى راھىلە خانىم " خىتاينىڭ ھەر قانداق بىر باھانە بىلەن بىزنىڭ مال ‏ - مۈلكىمىزگە چېقىلىش ھوقۇقى يوق، بىز بۇنىڭ تۆلىمىنى تۆلەتمەي قالمايمىز " دېدى.

رابىيە قادىر خانىم ئائىلىدىكىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە قادىر سودا سارىيىنى چېقىش پىلانى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېسىمىغا دۇچ كەلگەن، ئۇنىڭدىن باشقا رابىيە قادىر خانىم ۋە ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق مەنپەئەتىنى قوغداش يولىدا رەسمىي قەدەم ئالغان.

گەرچە 26 - ئاۋغۇست، رابىيە قادىر سودا سارىيى يېنىدىكى نەنگۇەن ساقچىخانىسىغا تېخنىكىلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق ئۇلىغان تېلىفونىمىزدىن، رابىيە قادىر سودا سارىيىنى چېقىش تەييارلىقىنى بىر ئاي ئىلگىرىلا باشلىۋەتكەنلىكى مەلۇم بولغان بولسىمۇ،خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىرتقى دۇنيا بىلەن بولغان تېلېفون ھەمدە ئىنتېرنېت ئالاقىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرمىگەنلىكى سەۋەبىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە قادىر سودا سارىيىنى زادى قانداق بىر تەرەپ قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقى ھەمدە بۇنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە ئۇيغۇر ئېلىدىن مەلۇمات ئىگىلەش مۇمكىنچىلىكى بولماي كەلمەكتە.

ھالبۇكى رابىيە قادىر خانىم ئائىلىسدىكىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە قادىر سودا سارىيىنى چېقىش پىلانىنى ھازىرچە توختىتىپ قويۇشىغا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارادا يەنىمۇ زور غۇلغۇلا قوزغىلىشى ھەمدە ئۇيغۇرلاردا كۈچلۈك نارازىلىق ھەرىكىتى قوزغىلىشىدىن ئېھتىيات قىلىۋاتقانلىقى سەۋەب بولۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.