ھەققانىيەت ئۈچۈن داۋاملىشىۋاتقان سەپەر

0:00 / 0:00
rabiye-tuniyaz.jpg
مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە تارىخ پەنلىرى دوكتورى توختى تۇنىيازنىڭ ئايالى رابىيە تۇنىياز خانىم ۋە دوكتور قاھار بارات ئەپەندى بىلەن سۆھبەتلەشمەكتە. RFA

ئىجتىھاتلىق تارىخ پەنلىرى دوكتورى توختى تۇنىياز (توختى مۇزارت) ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار تارىخى، مەدەنىيىتى ھەققىدىكى تەتقىقات ماقالىلىرى بىلەن ئۇيغۇرلار ئىچىدىلا تونۇلغان ئالىم بولۇپلا قالماي ئۇ يەنە خەلقئارادا تارىخ ۋە مەدەنىيەت تەتقىقاتلىرى كەسپىدە يۇقىرى باھالارغا ئېرىشكەن ئىدى. ئەپسۇس ئۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 1988 - يىلى دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى چەتئەللەرگە بېرىشكە ئۇرۇنغان دېگەندەك باھانىلار بىلەن مەخپى تۇتقۇن قىلىنىپ 11 يىللىق قاماققا ئېلىنىشى بىلەن توختى تۇنىياز يالغۇز بىر ئۇيغۇر ئالىمى ئەمەس بەلكى سىياسىي پائالىيەتچى، سۆز ئەركىنلىكى بوغۇلغان يازغۇچىلارنىڭ بىر ۋەكىلى، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن سىياسىي ئەركىنلىكى، كىشىلىك ھوقۇقى بوغۇلغان، سىياسىي جىنايەتچى دېگەن قالپاقلار بىلەن قارا قويۇق تۈرمىلەرگە ئېلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تىپىك ۋەكىلى سۈپىتىدە دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تونۇلدى.

توختى تۇنىياز كەسپتە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئالىم بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە بىر مېھىرلىك ئەر، كۆيۈمچان ئاتا ئىدى. ئۇ قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئاتا بولۇش، ئۆينىڭ تۈۋرۈكى بولۇشتەك ۋەزىپىلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئۆمۈرلۈك ھەمراھى بولغان رابىيە توختىنىڭ زىممىسىگە يۈكلەندى. ھايات رابىيەنى قەيسەر ئانا ياكى سەۋىرچان ئاياللا ئەمەس بەلكى خىتاينىڭ رېجىمغا قارشى ئىسيانچى، ناھەقچىلىككە قارشى جارچىغا، ئادىللىق جەڭچىسىگە ئايلاندۇردى. ئۇ "توختىنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىن بىر كۈن بولسىمۇ بالدۇرراق قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن ئەرز قىلىۋاتقىنىغا ئون يىل بولدى. ئەمما مەن توختى تۈرمىدىن چىقمۇغۇچە بۇ يولدىن ھەرگىز قايتمايمەن" دەيدۇ.

بۇ ھەقتە مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ توختى مۇزارتنىڭ خانىمى رابىيە توختى ھەمدە ئۇنىڭ كەسپدىشى قاھار باراتلار بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىن ئاڭلاڭ.