مانا مۇشۇنداق شارائىتتا، تەڭرىتاغ تورى قاتارلىق بىر قانچە خىتايچە تور بەتلەردە 15 - ئىيۇل كۈنى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان تۇتقۇن قىلىش، باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى "ئولىمپىك بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش" دەپ كۆرسەتمەكتە، ئەمما ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خىتاي ھۆكۈمىتى ئولىمپىكىنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى ئاقلىماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
- 8ئاۋغۇست كۈنى يەنى ئۆتكەن سەيشەنبە كۈنى ئۈرۈمچى ئىتتىپاق يولىدىكى "تاڭنۇرى باغچىسى" قوروسىدىكى بىر ئۆيدە يىغىلىش ئۆتكۈزۈۋاتقان 15نەپەر ئۇيغۇر قىز - يىگىتنىڭ خىتاي ساقچىلىرىنىڭ قوراللىق باستۇرۇشىغا ئۇچراپ بەش نەپىرىنىڭ ئېتىپ تاشلانغانلىقى، 2 سىنىڭيارىلانغان، قالغان 8نەپىرىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىدەك ۋەقە، شۇنداقلا يەنە قەشقەردە 20 نەپەرگە يېقىن ئۇيغۇر ئۈستىدىن ئوچۇق سوت ئېچىلىپ بۇلارنىڭ ئىچىدە بەش نەپىرىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىكىدەك مەزكۇر ۋەقەلەر سەۋەبلىك خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كىشىلىك ھوقۇقى گۇرۇپپىسى، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلارنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى. شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەر جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قارشى كۈچلۈك نامايىش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشىغا شۇنداقلا خەلقئارالىق مەتبۇئات ئورۇنلىرىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغاشقا سەۋەب بولماقتا.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش دۈشەنبە كۈنى ئاقسارايدا ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك قانۇنى ماقۇللانغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خاتىرىلەش نۇتىقى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ئوخشاش ئۆز ئازادلىقى ۋە دىنىي ئەركىنلىكى ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان كىشىلەرنى ئۇنتۇمايدىغانلىقى ۋە ئۇلارغا ئېھتىرام بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. پرېزىدېنت بۇش نۇتىقىنىڭ خىتاي ھەققىدىكى قىسىمىدا،" بىز خىتايدا دىنىي ئەركىنلىك ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتقان ئاشۇ كىشىلەرنى ئۇنتۇمايمىز، بىز يەنە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ئوخشاش ئۆز ئازادلىقى ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان ئاشۇ كىشىلەرگە ئېھتىرام بىلدۈرىمىز "دەپ تەكىتلىگەن.
ھالبۇكى جورج بۇشنىڭ مەزكۇر نۇتقىدىن كېيىنلا يەنى سەيشەنبە كۈنى، خىتاي مەتبۇئاتلىرى خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۆتكەن ئالتە ئاي ئىچىدە بېيجىڭ ئولىمپىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش قەستىدە يۈرگەن 82 نەپەر ئۇيغۇرنى قولغا ئالغانلىقى ھەمدە بۇ خىلدىكى 5 تەشكىلاتنى پاش قىلغانلىقىنى ۋە قانۇنسىز دىنىي تەبلىخ ئېلىپ بېرىپ غازاتچىلارنى تەربىيىلىگەن 41 ئورۇننى پېچەتلىگەنلىكىنى قايتا تەكىتلىگەندىن باشقا، "رابىيە قادىر باشچىلىقىدىكى چەتئەللەردە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۈچ خىل كۈچلەر بېيجىڭ ئولىمپىك مەزگىلىدە ئۇيغۇرلارنى بۇزغۇنچىلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بېرىشقا كۈچكۈرتمەكتە" دېگەندەك بايانلارنى كىشىلەرنىڭ سۆزلىرى ئارقىلىق ئىپادىلىگەن.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىرنى زىيارەت قىلدۇق. يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ زىيارىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىيالايسىز.
0:00 / 0:00