تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيىلىرىدىن بىرى بولغان جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى بىلەن مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى ياپونىيىدە چاقىرىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تۆتىنچى نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىغا پارلامېنت ئەزالىرىنى ئەۋەتىپ ئۇيغۇر دەۋاسىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن ئىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ يوليورۇقىغا بىنائەن 12-ئىيۇن كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سىيىت تۈمتۈرك بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇھاجىرلار كومىتېتى مەسئۇلى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى رەئىسى كەمال قىلىچدار ئوغلىنى تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئىشخانىسىدا زىيارەت قىلىپ، رەھمەت ئېيتتى.

ئۇچرىشىشتا ئالدى بىلەن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سىيىت تۈمتۈرك سۆز قىلىپ، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسىنىڭ مەزلۇم شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قىلىۋاتقان ھېسداشلىقىغا رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرلىكتە بۇنىڭدىن كېيىن، ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ تۈركىيىنىڭ مىللىي دەۋاسىغا ئايلىنىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ كۈچ چىقىرىشىنى تەلەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئۈچ يىللىق خىزمەت دوكلاتىنى، رابىيە قادىر خانىمنىڭ رەھمەت خېتىنى تەقدىم قىلدى.

جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى رەئىسى كەمال قىلىچدار ئوغلى ھەر دائىم مەزلۇم ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەقلىق دەۋاسىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى ۋە رەئىس رابىيە قادىر خانىمغا ئالاھىدە سالىمىنى يوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىشنى خالىسىڭىز، ئەركىن تارىمنىڭ تۈركىيە پارلامېنتىدا، ئۇلار بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنى ئاڭلىغايسىز.