ياپونىيىدە رابىيە قادىر خانىم ۋە 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى مۇھاكىمە قىلىندى

10 - ئاينىڭ 30 - كۈنى ياپونىيە كاگوشىما ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتى بىرلىكتە رابىيە قادىر خانىم ۋە 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە مەخسۇس مۇھاكىمە ئېلىپ بارغان بولۇپ، مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىنىغا كورىيە، بولغارىيە، ئىتالىيە، ئاۋىسترىيە ۋە خىتايدىن كەلگەن بىر قىسىم مىللەتلەر مەسىلىسى تەتقىقاتچىلىرى شۇنىڭدەك كاگوشىما ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلىرى قاتناشقان.

0:00 / 0:00

يىغىندا ياپونىيىلىك پروفېسسور نىشىخارا سەئىجى ئەپەندى ۋە باشقىلار ئۆز دوكلاتلىرىنى ئوقۇپ ئۆتكەن.

كاگوشىما ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور قۇتلۇق قادىرنىڭ يىغىن ھەققىدە بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، سىياسىي ئىقتىسادشۇناس پروفېسسور دوكتور نىشىخارا سەئىجى ئەپەندى ئۆزىنىڭ رابىيە قادىر خانىم ۋە 5 - ئىيۇل ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى دوكلاتىنى ۋىدىئو ۋە سۈرەتلەر ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويغان.

مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىنىغا 250 ئەتراپىدا ئادەم قاتناشقان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.