د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئاۋسترالىيە زىيارىتىنى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتۇردى

ئۇيغۇر مىللى ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، مۇئاۋىن رەئىس ئەسقەرجان ئەپەندى ئاۋسترالىيىدىكى زىيارىتىنى بۈگۈن 3 - ئاينىڭ 28 - كۈنى سىدنېي شەھرىدە ئاخىرلاشتۇردى.

0:00 / 0:00

رابىيە خانىم ئاۋسترالىيىگە قىلغان زىيارىتى ھەققىدە توختىلىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىجرائىيە ھەيئىتى، ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھۈسەن ھەسەن ئەپەندىم كېسەلگە گىرىپتار بولغاندىن كېيىن ئۆزى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىكى بارلىق ھەيئەت ئەزالار ھەمدە ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى ۋەتەنداشلار ناھايىتىمۇ ئەنسىرىگەنلىكى ۋە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە ئۆزىنىڭ مۇشۇ قېرىنداشلار نامىدىن ھۈسەن ئەپەندىمنى يوقلاش، ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، ياخشى تىلەكلىرىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن ھەمدە ئاۋسترالىيىدە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقان جەمئىيەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ۋە شەرقى تۈركىستانلىق ۋەتەنداشلار بىلەن ئۇچرىشىش، بولۇپمۇ ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگىتوندىن ئۇيغۇر ئۆيى ئېلىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىقتىسادىي ياردەمگە ئېرىشىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

رابىيە قادىر خانىم بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە سىدنېي، ئادەلايد، مېلبوئۇرن شەھەرلىرىدە بولدى ۋە جەمئىيەت رەھبەرلىرى ۋە جامائەتچىلىك بىلەن كۆرۈشتى ۋە سىدنېيدا نورۇز بايرىمىنى بىرگە ئۆتكۈزدى. ئادەلائىدە، مېلبوئۇرن شەھەرلىرىدە ئاۋسترالىيە شەرقى تۈركىستان جەمئىيىتى، ۋىكتورىيە ئۇيغۇر جەمئىيەتلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا نەچچە يۈزلىگەن ۋەتەنداشلارنىڭ قاتنىشىشىدىكى كۈتۈۋېلىش مۇراسىملىرىدا بولۇپ ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقى، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئازادلىقى، ئەركىنلىكى ھەققىدە سۆزلەپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقى تۈركىستاننىڭ بايلىقلىرىنى تالان - تاراج قىلىۋاتقانلىقى، زېمىن ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرىنى ئاياق - ئاستى قىلىپ، تىل ۋە دىنىدىن ئايرىپ مىللەت سۈپىتىدە يەر شارىدىن يوقىتىش پىلانىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.