رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئاۋسترالىيە زىيارىتى ئاۋسترالىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى جىددىيلەشتۈرۈۋەتتى

رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئاۋسترالىيە زىيارىتى ۋە "مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى" پەيدا قىلغان ئاۋسترالىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى جىددىيلىكنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرگەنلىكى ئاشكارىلانماقتا.

0:00 / 0:00

مەلۇم بولۇشىچە، رابىيە قادىر خانىمغا ئاۋسترالىيە ۋىزىسى بېرىلگەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ ئاۋسترالىيە زىيارىتىنى بىكار قىلىپ، ئاۋسترالىيە دائىرىلىرىگە بولغان نارازىلىقىنى قاتتىق رەۋىشتە ئىپادىلىگەن.

بۇ يىللىق ئاۋسترالىيە مېلبۇرن خەلقئارا فىلىم فېستىۋالىدا قويۇلغان "مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى" فىلىمى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىمغا بېغىشلانغان بولۇپ، رابىيە قادىر خانىم مەزكۇر فىلىم ئۈچۈن ئاۋسترالىيىگە تەكلىپ قىلىنغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئاۋسترالىيە دائىرىلىرى بۇ ئاينىڭ بېشىدا، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئاۋسترالىيىگە بېرىش ۋىزا ئىلتىماسنى تەستىقلىغان. شۇ سەۋەبتىن ئاۋسترالىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە جىددىيلىك كۈچەيگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

ئەڭ يېڭى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئاۋسترالىيىنىڭ يۇقىرىقى قارارىغا نارازى بولغان خىتاي دائىرىلىرى، بۇ يىل ئاۋغۇستنىڭ 4 - كۈنىدىن 7 - كۈنىگىچە ئاۋسترالىيىنىڭ كۇۋىنىزلاند شتاتىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان "تىنچ ئوكيان سۆھبەت يىغىنى" غا قاتنىشىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى ئەۋەتمىگەن.

18 - ئاۋغۇست سەيشەنبە كۈنى، ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ستېفېن سمىس، خىتاي دائىرىلىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئاۋسترالىيە زىيارىتىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خې يافېينىڭ يىغىن سەپىرىنى بىكار قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

بۇ ھەقتە توختالغان سمىت ئەپەندى: " خىتاي دائىرىلىرى رابىيە قادىرنىڭ ئاۋسترالىيە زىيارىتىگە نەقەدەر نارازى بولغانلىقىنى بەك ئېنىق ئىپادىلىدى" دېدى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاۋسترالىيە دائىرىلىرىگە، ئەگەر رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئاۋسترالىيە زىيارىتىنى بىكار قىلمىسا "تىنچ ئوكيان سۆھبەت يىغىنى" ئىغا قاتنىشىدىغان مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئورنىغا بىر ئالاھىدە ئەلچى قاتناشتۇرىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، سۆھبەت يىغىنى جەريانىدا خىتاي مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك ئاۋسترالىيە ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى بېكىتىلگەن ئىكەن.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سمىس ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نەتىجىدە خىتاي تەرەپ خې يافېينىڭ زىيارەت پىلانىنى بىكار قىلىپ، "تىنچ ئوكيان سۆھبەت يىغىنى" غا ئالاھىدە ئەلچى ۋاڭ يۇڭيۇنى ئەۋەتكەن.

بۇ ھەقتە توختالغان سمىت ئەپەندى، خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى قارارىدىن بەكمۇ ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە: "رابىيە قادىرنىڭ ئاۋسترالىيىگە كىرىشىگە يول قويغانلىقىمىز سەۋەبلىك، ئەگەر خىتاي يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ۋاسىتىلەرنى قوللانسا، بىز بۇنىڭدىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىمىز" دېدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە ئىشلەنگەن " مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى" نى كىنو فېستىۋالدىن چىقىرىپ تاشلاش ئۈچۈن، فېستىۋال مەسئۇللىرىغا بېسىم ئىشلىتىش، خىتاي تىلدىكى فىلىملەرنى فېستىۋالدىن چېكىندۈرۈش ۋە فېستىۋال تور بېتىگە ۋىرۇس ھۇجۇمى قوزغاش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللانغان ئىدى.

خىتاينىڭ بارلىق تىرىشچانلىقلىرى ئۇنۇم بەرمىگەندىن كېيىن، مەزكۇر فىلىم 11 - ئاۋغۇست ئاۋسترالىيىنىڭ مېلبۇرن شەھىرىدە رەسمىي قويۇلدى ۋە ئالقىشقا ئېرىشتى.

ئاۋسترالىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرى، بۇ يىل ئىيۇلدا خىتاي دائىرىلىرى، شاڭخەيدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئاۋسترالىيىنىڭ رىئو تىنتو چەكلىك شىركىتىنىڭ دىرېكتورى ستېرن خۇ ئەپەندىنى دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاش جىنايىتى بىلەن قولغا ئالغاندىن كېيىن بىر قەدەر جىددىيلەشكەن ئىدى.

"ۋول سترىت ژۇرنىلى گېزىت" ئىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئاۋسترالىيىدىكى ئۆكتىچى پارتىيە: "لىبېرال پۇقرالار پارتىيىسى" نىڭ رەئىسى مالكولم تۇرنبۇل سەيشەنبە كۈنى، ئاۋسترالىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نۆۋەتتە يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ھالبۇكى ئاۋسترالىيە تاشقى ئاشلار مىنىستىرى ستېفېن سمىس، نۆۋەتتە ئاۋسترالىيە دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىل دىپلوماتىك قىيىنچىلىقلارنى نەتىجىلىك ھەل قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.