مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئىتالىيىنىڭ لۇكا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. لۇكا شەھىرى ياۋروپادىكى مەشھۇر مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قانات، شەھەرنىڭ ئەڭ داڭلىق سانمارىنو مەيدانىدا باشلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان مۇراسىمنىڭ نەق مەيدان ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.
Societa Libera تەشكىلاتىنىڭ خادىمى مارىيا خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى مۇكاپاتنىڭ رابىيە قادىر خانىمغا بېرىلىشىنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە توختالدى.
بىز بۇ قېتىم تەشكىلاتىمىزنىڭ "ئەركىنلىك" مۇكاپاتىنى رابىيە قادىر خانىمغا تەقدىم قىلدۇق. چۈنكى رابىيە قادىر خانىم ئېغىر سىياسىي بېسىم ئاستىدا ياشاۋاتقان خەلقىنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن، بارلىق ئىمكانىيەتلىرىنى ئىشقا سېلىپ كىشىلىك ھوقۇق كۈرىشى ئېلىپ بارماقتا.
بۇ مۇكاپات، باشقا مۇكاپاتلاردىن پەرقلىنىدىغان ئالاھىدە بىر مۇكاپات، شۇڭا مەزكۈر مۇكاپات مانا مۇشۇنداق ھاياتىنى باشقىلارغا بېغىشلىيالايدىغان ئالاھىدە ئىنسانلارغا تەقدىم قىلىنىدۇ، ئىلگىرى مەزكۈر مۇكاپات تىبەت خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى، بىرما خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بارغان شۇنىڭدەك كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتىغان ئاكتىپ پائالىيەتچىلەرگە بېرىلگەن ئىدى. بۈگۈن رابىيە قادىر خانىم بۇ مۇكاپات بىلەن تەقدىرلەندى.
مۇكاپاتنىڭ نامىدىنلا ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ، مۇكاپات "ئەركىنلىك" مۇكاپاتى، دېمەك رابىيە قادىر خانىم ئەركىنلىك ئۈچۈن نۇرغۇن بەدەل تۆلىدى، رابىيە قادىر خانىم ئەركىنلىك ئۈچۈن ۋەتىنىدىن ئايرىلدى، رابىيە قادىر خانىم ئەركىنلىك ئۈچۈن پەرزەنتلىرىدىن ئايرىلدى، رابىيە قادىر خانىم ئەركىنلىك ئۈچۈن مال - دۇنيا، ئىقتىسادىدىن ئايرىلدى، شۇڭا مەن كېسىپ ئېيتالايمەنكى، رابىيە قادىر خانىم "ئەركىنلىك" نامىدىكى بارلىق مۇكاپاتلارغا مۇيەسسەر بولۇشقا لايىق ئۇلۇغ بىر ئىنسان.
ئىتالىيىدە رابىيە قادىر خانىم نامىغا بېرىلگەن "ئەركىنلىك مۇكاپاتى" نى، ئۇنىڭ كىچىك قىزى قېقىنۇس خېنىم تاپشۇرۇپ ئالدى. Societa Libera تەشكىلاتىنىڭ خادىمى مارىيا خانىم ئېيتقاندەك، ھاياتىنى ئۆز خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن بېغىشلىغان رابىيە قادىر خانىم شۇ مىنۇتلاردا نېمىلەرنى ھېس قىلىۋاتقاندۇ؟
رابىيە قادىر خانىم بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ئۆز ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.