رابىيە خانىم فرانكفورت كىتاب يەرمەنكىسىنىڭ شەرەپ مېھمىنىغا ئايلاندى

فرانكفورتتا ئۆتكۈزۈلگەن 61 - نۆۋەتلىك خەلقئارالىق كىتاب يەرمەنكىسىنىڭ ئەسلى شەرەپ مېھمىنى خىتاي ھۆكۈمىتى بولۇپ، خىتاينىڭ ئىككى ئايدىن بۇيان قاتتىق نارازى بولۇشىغا قارىماي، بۇ يەرمەنكىگە قاتناشقان د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، ئەمەلىيەتتە بۇ يەرمەنكىنىڭ ھەقىقىي شەرەپ مېھمىنىغا ئايلىنىپ، خىتاينىڭ ئىناۋىتىگە قاتتىق تەسىر يەتكۈزگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻛﺮﻩﻡ
2009.10.19
Rabiye-xanim-Frankfurt-namayishida-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﻓﺮﺍﻧﻜﻔﻮﺭﺗﺘﺎ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ 61 - ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﻟﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﻳﻪﺭﻣﻪﻧﻜﯩﺴﻰ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﻳﺎﯞﺭﯗﭘﺎﺩﺍ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﯜﺭﻙ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺳﯚﻳﻪﺭ ﺧﻪﻟﯩﻘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﯩﺘﺎﻳﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻧﺎﻣﻴﯩﺸﻘﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
ﺳﯜﺭﻩﺗﻨﻰ، ﻓﺮﺍﻧﻜﻔﯘﺭﺕ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﻏﯘﭼﻰ ﺷﻪﺭﻗﻰ ﺗﯘﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﺑﯩﺮﻟﯩﮕﻰ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﻛﯜﺭﻩﺵ ﺋﺎﺗﺎﺧﺎﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻥ.

رابىيە قادىر خانىم بىلەن بۇ پائالىيەتتە 3 كۈن بىرگە بولغان د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندى، رابىيە قادىر خانىمنىڭ فارانكفورت شەھىرىدە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى ھەققىدە بىزگە ئەتراپلىق مەلۇماتلار بەردى.

رابىيە قادىر خانىم، بۇ قېتىمقى كىتاب يەرمەنكىسىدە يەنە، ياۋرۇپادا تەسىرى كۈچلۈك بولغان تۈرك تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەنمۇ ئۇچرىشىشلار ئۆتكۈزگەن.

خىتاي تەرەپ رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى د ئۇ ق رەھبەرلىرىدىن قاتتىق بىئارام بولۇپلا قالماي، خىتاي ئەلچىخانا خادىملىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھەرىكەتلىرىنى ئىزچىل پايلاپ يۈرگەن.

فرانكفورتتىكى يەرمەنكە جەريانىدا يەنە، رابىيە خانىم ھەققىدە ئىشلەنگەن مەخسۇس فىلىملەر كۆرسىتىلگەن ۋە مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈلگەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.