رابىيە خانىم فرانكفورت كىتاب يەرمەنكىسىنىڭ شەرەپ مېھمىنىغا ئايلاندى

فرانكفورتتا ئۆتكۈزۈلگەن 61 - نۆۋەتلىك خەلقئارالىق كىتاب يەرمەنكىسىنىڭ ئەسلى شەرەپ مېھمىنى خىتاي ھۆكۈمىتى بولۇپ، خىتاينىڭ ئىككى ئايدىن بۇيان قاتتىق نارازى بولۇشىغا قارىماي، بۇ يەرمەنكىگە قاتناشقان د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، ئەمەلىيەتتە بۇ يەرمەنكىنىڭ ھەقىقىي شەرەپ مېھمىنىغا ئايلىنىپ، خىتاينىڭ ئىناۋىتىگە قاتتىق تەسىر يەتكۈزگەن.

0:00 / 0:00

رابىيە قادىر خانىم بىلەن بۇ پائالىيەتتە 3 كۈن بىرگە بولغان د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندى، رابىيە قادىر خانىمنىڭ فارانكفورت شەھىرىدە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى ھەققىدە بىزگە ئەتراپلىق مەلۇماتلار بەردى.

رابىيە قادىر خانىم، بۇ قېتىمقى كىتاب يەرمەنكىسىدە يەنە، ياۋرۇپادا تەسىرى كۈچلۈك بولغان تۈرك تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەنمۇ ئۇچرىشىشلار ئۆتكۈزگەن.

خىتاي تەرەپ رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى د ئۇ ق رەھبەرلىرىدىن قاتتىق بىئارام بولۇپلا قالماي، خىتاي ئەلچىخانا خادىملىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھەرىكەتلىرىنى ئىزچىل پايلاپ يۈرگەن.

فرانكفورتتىكى يەرمەنكە جەريانىدا يەنە، رابىيە خانىم ھەققىدە ئىشلەنگەن مەخسۇس فىلىملەر كۆرسىتىلگەن ۋە مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈلگەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.